تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ساداقەتمەن پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولىمەن

   شىنجاڭ گېزىتخانىسى 2- تەھرىر بۆلۈمى گېزىت چىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز ئەھەت

  بوۋام 1954- يىلى كومپارتىيەگە ئەزا بولغان بولۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پېشقەدەم شۇجىسى ئىدى، دادام 1972- يىلى 18 يېشىدا پارتىيەگە ئەزا بولغان ئىكەن، دادامنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتەكلىشىدە مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا پارتىيەگە ئەزا بولۇپ، تەدرىجىي پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. پارتىيەنىڭ ئۇزاق يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  ئىچكىرىدە بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، شىنجاڭلىق ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە كىشىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سۇپىنى تاپقانلىقىنى، ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوست، ئوچۇق- يورۇق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، شۇ يەردىكىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن نەپ ئالغۇچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەممىدىن مۇھىم، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېيتىپ تۈگىتەلمەيمىز. بىز جەزمەن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان، ئەخلاقلىق، غايىلىك شىنجاڭلىقلاردىن بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

  ھازىر شىنجاڭ تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە چەكسىز كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشتى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىناقلىققا ئىنتىلىش ئارزۇسى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، قولىنى بىگۇناھ ئاممىنىڭ قېنىدا بوياپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، قىزغىن، مېھماندوست، ساددا، ئاق كۆڭۈل ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈردى. بىز بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك مەسئۇلىيەت، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك تەدبىر ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك.

  ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ــــ ھازىرقى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۆلگۈنچىلىك قىلىش خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق، ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتقانلىق، مۇقەررەر ھالدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ ھەم تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولىدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ- چىگىش ۋەزىيەتتە، بىز جەزمەن ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئېنىق تونۇپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي ئاڭ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ساداسىنى تارقىتىمەن، مەيلى قەيەردە بولاي، ھەممىدە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان سادىق جەڭچى بولىمەن، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا بايرىقى روشەن پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق سورۇندا، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى