تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن

  قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات- تەشۋىقات كادىرى بەي شىنخەي

  مەن خۇيزۇ، پارتىيە ئەزاسى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىخۇ كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كەنتىمىزدە خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ، كۆپچىلىك ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قوشنىدارچىلىق قىلىشىمىز. خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا باسقان ھەربىر قەدىمىم ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. فۇجيەن ئۆلكىسىگە بېرىپ بىر يېرىم يىل تەربىيەلىنىپ كادىر بولۇپ يېتىشتىم، ۋۇگۇڭتەي بازىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى ۋە ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، بازارلىق پارتكومدا رەھبىرىي كادىر بولدۇم.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، ۋۇگۇڭتەي بازىرىنىڭ قىياپىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا شاھىت بولدۇم. كەنتتىكى پاتقاق تار يوللارنىڭ ئورنىغا تۈپتۈز ئاسفالت يول ياسالدى، پاكار كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا كەڭتاشا ئەمىن ئۆيلەر قەد كۆتۈردى، بالىلار چىرايلىق مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى كېسەل بولۇپ قالسا، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتىگە ئىگە، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ خاتىرجەم، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولۇپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ۋەقە پەيدا قىلىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، قەستەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلدى، بۇ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش. بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز، چوقۇم قىلچە رەھىم قىلماي قانۇن بويىچە زەربە بېرىمىز.

  ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ پارتىيەنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پوزىتسىيەمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

  ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تىكلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق ھەم ئىناق بولغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىمەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولىمەن. ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ۋە ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر بىلەن ئاھالىلەرگە تەشۋىق قىلىمەن ۋە چۈشەندۈرىمەن؛ قارا دوسكا، تەشۋىقات تاختىسى، گېزىت- ژۇرنال قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەلبىمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، ئىش ئورنۇمدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىمدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان روھ بىلەن يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يۇرت- ماكانىمىزنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى