تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىمەن

  دۆربىلجىن ناھىيەسى جېلئاغاش بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆجۈم داۋا

  مەن دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ مىڭبۇلاق يايلىقىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بۇ جاينىڭ سۈيى ئەلۋەك، ئوت- چۆپى بولۇق، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چارۋىچىلىق مەيدانىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى: رەتلىك سېلىنغان چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيلىرى، يېڭىدىن ياسالغان تەكشى چارۋا يوللىرى، كۆچمە سىگنال مۇنارى، پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت پونكىتى... چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئۆسۈپ يېتىلىش سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، ھەر بىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىم پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن بولغان.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيىتىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەدەپ تارقىتىپ، قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشتەك يېقىن دوستلۇقىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىزنىڭ تىنچ، ئىناق، بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنى دۈشمەن، دەپ قارىغانلىكى كىشى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. ئاشۇ مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ قەبىھ قىلمىشى بىزگە ئىتتىپاقلاشقاندىلا، قۇدرەت تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقلاشقاندىلا، تەرەققىي قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى. بىز ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قوغدىشىمىز كېرەك.

  نىشانلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى، ئاز سانلىق مىللەت ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە ھايات- ماماتلىق كۈرەش قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلەيمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىيدا زېرەك، ئېتىقادتا سادىق ئادەم بولىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن. جەمئىيەتتىكى خاتا قاراش ۋە خاتا ئىدىيە ئېقىمىغا قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنى قىلچە ئىككىلەنمەي پاش قىلىپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ ۋە تاقابىل تۇرۇپ، خاتا قاراشلارنى تارقىتىدىغانلارغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەيمەن. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى