تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

«پاك زېمىن»دىكى «ئىللىق قىش»

  − تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «11- ماي» يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلارنى قايتا زىيارەت

  كەينى- كەينىدىن ياغقان قېلىن قاردىن كېيىن ئېگىزلىكتىكى «پاك زېمىن» ئاق لىباس كىيدى، يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان سۆگەت يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. قاراقۇرۇم باغرىدا ياشاۋاتقان تاجىك چارۋىچىلارنىڭ يېڭى ئۆيلىرىنىڭ تۇرخۇنىدىن چىققان ئىس كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى، بۇ مەنزىرە نەچچە كىلومېتىر يىراقتىكى خارابىلىك بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى.

  بۇلتۇر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 5تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسى تېيىز، تەۋرەش دەرىجىسى كۈچلۈك بولغاچقا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە سەككىز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 31 كىشى يارىلاندى، 26 مىڭ 486 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

  تاشقورغان ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كۆپىنچىسى تاجىك ئامما ئىدى، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى، كىلىماتى ناچار بولغاچقا، يىللىق ئىش ۋاقتى ئارانلا بەش ئاي ئىدى. قەشقەر ۋىلايىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تېزدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيە- شەھەرلەردىن قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان جاينىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بەردى.

  تاشقورغان يېزىسى قۇزغۇن كەنتىدىكى مالى خوجا مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەن رايونلاردىن كەلگەن، بۇ يەردە قۇرۇلۇش قىلغان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ نەچچە قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتتى.

  مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشى ۋە قېرىنداش ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە بۇلتۇر 8- ئاينىڭ ئاخىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 4753 يۈرۈش ئۆي پۈتتى، ھەر بىر ئۆينىڭ كۆلىمى 83 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سۇ، توك، پار قاتارلىقلار تولۇق ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر ئائىلىگە 100 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان قوتان سېلىندى، چېدىرى ۋە يەر تەۋرەشتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا يېڭى ئۆيلەر قەد كۆتۈردى.

  مالى خوجا تۇرۇشلۇق قۇزغۇن كەنتىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، 141 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى. يېڭى بەرپا قىلىنغان كەنتتىكى سېمونت يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ قاتارىدا مالى خوجانىڭ ئۆيىمۇ بار. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان پار ئوچاق ئۆينى ئوبدانلا ئىسسىتقانىدى. مالى خوجا مۇنداق دېدى: نەچچە كۈن ئىلگىرى دوست- بۇرادەلەر بىلەن ئۆيدە يېڭى يىلنى تەبرىكلىدۇق.

  قۇزغۇن كەنتىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىدىكى 20 نەچچە بالا بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مائارىپقا ياردەم بېرىشكە چۈشكەن مۇئەللىم شۈ جىرۇڭ مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشتە كونا يەسلىنىڭ تاملىرىغا چاك كەتتى، بىز بىخەتەرلىك ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا دەرس ئۆتتۇق. بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مۇئەللىم ئېھتىياتسىزلىقتىن بالىلارنىڭ كارىۋىتىنى مىدىرلىتىۋېتىپتىكەن، بالىلار يەر تەۋرىگەن ئوخشايدۇ، دەپ چۆچۈپ كېتىپتۇ.

  بالىلارنى ئاپەتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپتۇ، يېڭى يەسلى پۈتكەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار يەسلىنى چىرايلىق بېزەپتۇ، چارۋىچىلار ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەملىشىپ يەسلىنىڭ ھويلىسىنى تازىلاپتۇ، سۇ، توك يوللىرىنى ئوڭشاپتۇ.

  «بىر چېدىر بىر قاراۋۇلخانا»، بۇ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چېگرانى قوغداۋاتقان تاجىك ئاممىسى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان سۆز، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ياندىشىپ تۇرىدىغان قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى ئۈچ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. چېگرا قوغدىغۇچىلار يەر تەۋرەشتىن كېيىن چېگرا چارلاشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى، يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا چېگرانى قوغداشتا چىڭ تۇردى. ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى سېلىنىپ، چېگرا قوغداۋاتقان چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى. نۇرغۇن كىشى مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ كىشى بىزگە ياردەم بەردى، بىز چېگرانى خاتىرجەم قوغدايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6- يانۋار تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى