تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

توقسۇن ناھىيەسى ھەممە كەنىتتە «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى بىلدۈرۈش» كەچلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى

  گېزىتىمىزنىڭ تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن شياۋ جيەنجېن خەۋەر قىلىدۇ: زىمىستان سوغۇق يېزىلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى سوۋۇتالمىدى. توقسۇن ناھىيەسىدە «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى بىلدۈرۈش» كەچلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك قانات يايدۇرۇلدى. جايلار رەسىملىك چۈشەندۈرۈش تاختىسى، ئامما تەشۋىق قىلىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

  توقسۇن ناھىيەسى شا يېزىسى نەخۇل كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەخمۇت ئىسرائىل 1- ئاينىڭ 4- كۈنى مۇنداق دېدى: قىشتىكى ئارسال ۋاقىتلاردا كەنىتتە كەچلىك ئۆگىنىش بولسىلا چوقۇم قاتنىشىمەن، ئۆگىنىش ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىز دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ئاشتى. مەخمۇت ئىسرائىل تىلغا ئالغان كەچلىك ئۆگىنىش دەل توقسۇن ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى بىلدۈرۈش» (دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، سىياسەت، قانۇن ئۆگىنىش، پەن- تېخنىكا ئۆگىنىش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش) كەچلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى ئىدى.

  توقسۇن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىن چۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىزنىڭ مۇھىم بۇرچىمىز ۋە ۋەزىپىمىز. «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى بىلدۈرۈش» كەچلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش. ناھىيەمىز ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكت، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا خىلمۇخىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. توقسۇن ناھىيەسى ھەربىر مەمۇرىي كەنتتە بىر مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتى تەشكىللەپ، ھەربىر مەيدان تەشۋىقاتنى بىر مەخسۇس تېمىغا مەركەزلەشتۈردى، ھەربىر مەخسۇس تېما پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن ئېلىندى، مەخسۇس تېمىنىڭ مەزمۇنى جانلىق ھەم تەسىرلىك بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھېكايە ۋە ئەڭ يېڭى مىساللار ئارقىلىق بېيىتىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، توقسۇن ناھىيەسى «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى بىلدۈرۈش» كەچلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى ناھىيەدىكى ئاساسى يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە، يېزا- بازار، كەنت(مەھەللە) كادىرلىرىنى تارماق يىغىن مەيدانىدا سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى يېزا- كەنتلەر ئاممىغا ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلەپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

  توقسۇن ناھىيەسىنىڭ «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى بىلدۈرۈش» كەچلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە 60 نەچچە مەيدان ئۆتكۈزۈلۈپ، 162 مىڭدىن كۆپرەك ئامما قاتناشقان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى «باھاردىكى شىپالىق يامغۇر»دەك ھەرمىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى