تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن–تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

   شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى مۇكاپاتلىدى

   لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2017 – يىللىق دۆلەتنىڭ ئالىي پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەنجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكادېمىك ۋاڭ زېشەن بىلەن جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئورنىدىكى ئاكادېمىك خۇ يۈندېغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مۇكاپاتلانغان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم سەمىمىي سالام يوللىدى، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە مەدەت بەرگەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ سىجىل بولغان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن – تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا يۈزلىنىپ، ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي پەنلەر بىلەن ئەمەلىي قوللىنىشچان پەنلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ‹‹بوغما ھالەت›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلىنىپ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بۇلغىنىشنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇشتا كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى قوللاش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان تۈرلۈك ئامىللارنى كارخانىلارغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلەش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى ئادەم، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوقۇم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچنى ئىدارە قىلىش، تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىپ، تۆھپىكار پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى ھەقىقىي نام ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئىلمىي سانلىق مەلۇمات ۋە ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش تورىغا قوشۇلۇپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: كەڭ پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتلانغانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ھالقىپ، پەن – تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 2017 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى››نى ئوقۇدى.

  ۋاڭ زېشەن مۇكاپاتلانغانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  مۇكاپاتلاش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، شېن يۆيۆ، ياڭ جىڭ، ۋەن گاڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شۇنداقلا ئارمىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەت پەن – تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، پايتەخت پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ جەمئىي 3300 دەك ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  271 تۈر ۋە توققۇز پەن – تېخنىكا مۇتەخەسسىسى 2017 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى دۆلەتنىڭ ئالىي پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 35 تۈر دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 33 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 66 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 62 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 170 تۈر دۆلەت پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر ئالاھىدە مۇكاپاتقا، 21 تۈر 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ( يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 146 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى يەتتە پەن – تېخنىكا مۇتەخەسسىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.