تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچان ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى

    ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 2017-يىلى مائارىپ سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.
   ئۆتكەن يىلى بۇ ناھىيە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشتا، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ياردەم مەبلىغىنى جەلپ قىلىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق مائارىپ سېلىنمىسىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يىلدا بۇ ناھىيە 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، تۇيۇق، لۈكچۈن ۋە پىچان يېزىسى قاتارلىق يېزا-بازارلاردىكى توققۇز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى ۋە 35 «قوش تىل»لىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى