تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چىشنى داۋالاش قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكەنگە باراۋەر

      يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر قان بېسىمى يۇقىرى 107 كىشىنى كۆزەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ چىشىدىمۇ مەسىلە بولىدىكەن، ناۋادا چىش ئاغرىقلىرىنى ئاكتىپ داۋالاتسا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ خىل داۋالاش چىش مىلىكىنى ئاددىي داۋالاش، ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش باكتېرىيە دېغىنى تازىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بولۇپمۇ چىش مىلىكىنى نۇقتىلىق، يەنى يىلتىزىغىچە تازىلاش، باكتېرىيەگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ۋە زۆرۈر بولغاندا چىشنى يۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ».
      مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، نۇقتىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قان بېسىمى ئادەتتىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭكىدىن ئۈچ نۇقتا، ئۈچ ئايدىن كېيىن تۆت نۇقتا تۆۋەنلىدى؛ داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن بولسا، نۇقتىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قان بېسىمى ئادەتتىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭكىدىن 13 نۇقتا تۆۋەنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇقتىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ياللۇغلىنىش ۋە قان تومۇر ئىچكى دىۋارىنىڭ ئىقتىدارىدا ياخشىلىنىش بولدى».

مېھرىبانگۈل كېرەم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى