تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇغا سېلىشقا بولمايدىغان دورا – ئوكۇللار

  كۆپچىلىككە مەلۇم، نۇرغۇن دورىلارنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تەسىرىدە سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ياز پەسلىدە دورىلارنىڭ ھەممىسىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش كېرەكمۇ؟

  بۇ ھەقتە پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇل دورىگىرى جاڭ مو مۇنداق دەيدۇ: دورىلارنىڭ ھەممىسى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ، ئاغرىقلار چوقۇم دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوبدان كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشىدە كۆرسىتىلگەن شارائىت ۋە تېمپېراتۇرىدا ساقلىشى كېرەك. مەسىلەن، ‹‹ئۆي تېمپېراتۇرىسى›› ئادەتتە ℃10 ~ ℃30نى، ‹‹سالقىن قاراڭغۇ جاي›› كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان تېمپېراتۇرىسى ℃20تىن ئېشىپ كەتمەيدىغان جاينى، ‹‹سوغۇق جاي›› (℃2~ ℃8 )قىچە بولغان جاينى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ياز پەسلىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا (℃2 ~ ℃20) دا ساقلاشقا تېگىشلىك دورىلارنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلمىسىگە سېلىپ ساقلاشقا بولىدۇ، ئەمما باكتېرىيە جانلاندۇرۇش دورىسى ۋە پېچىتى بۇزۇلمىغان ئىنسۇلىن قاتارلىقلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى چوقۇم ℃2 ~ ℃8 ئارىلىقىدا كونترول قىلىش كېرەك. ئەمما بەزى نەملىكنىڭ تەسىرىدە ئاسان ئۆزگىرىپ قالىدىغان ھەم تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىدامسىز دورىلارنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ.

  1. تاتلىق قىياملىق دورىلار. قىيام تۈرىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دورا يۆتەل توختىتىش قىيامى بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىغاندا ئېرىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، شېكەر بىلەن دورا چۆكمىسى ئايرىلىش سەۋەبىدىن دورا قويۇقلۇقى ئۆزگىرىپ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە تاتلىق قىياملىق دورىلارنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرىسى ℃10 ~ ℃30 بولىدۇ. قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشمىگەندە بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىن كېيىنكى سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىر ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ.

  2. مەلھەم دورىلار. ئېرىترۇمىتسىن مەلھىمى (خوڭمېيسۇ رۇەنگاۋ)، فۇتالىن مەلھىمى، پىيەنپىڭ (تېرە ياللۇغى) مەلھىمى ۋە نىتروگلىتسېرىن مەلھىمى (شياۋسۇەن گەنيوۋ رۇەنگاۋ) قاتارلىق تېرە سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان مەلھەم دورىلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بەك تۆۋەن تېمپېراتۇرا دورىنىڭ ئىچكى قىسمىدا رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، دورىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ خىل دورىلارنى كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەيدىغان ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا ساقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

  3.پۈركىمە دورىلار. سالبۇتامول (شادىڭ ئەنچۈن) ۋە بۇدېسونىد بۇرۇن پۈركىمىسى (بۇدىنەيدې بىپېنجى) قاتارلىق پۈركىمىلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىغاندا پۈركىلىشى راۋان بولماسلىق ۋە دورا تۇمانلىرى تەكشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. چۈنكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا دورا قۇتىسىنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى بېسىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ دورا پۈركۈش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، گازلاشتۇرۇش تولۇق بولمايدۇ.

  4.بەزى ئوكۇللار. ئىنسۇلىن ئوكۇلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن توڭلاتقۇدا ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسسىق – سوغۇق مۇھىتتا قايتا – قايتا تۇرۇپ قالسا ھاۋا سۈمۈرۈپ گاز كۆپۈكچىلىرى پەيدا بولۇپ، ئۇرۇلغان ئوكۇل مىقدارى توغرا بولماي، ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئاسانلا كۈچىدىن قالىدۇ. سوغۇق ساقلانغان ئىنسۇلىننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئوكۇل قىلىنسا، ئاغرىتىدۇ ھەم تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئاغزى ئېچىلغان ئىنسۇلىننى ℃30تىن ئېشىپ كەتمىگەن سالقىن ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا بىر ئاي ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ياز پەسلى دورا سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىدىغان ۋاقىت بولۇپ، كۆپچىلىك دورا ئىچىشتىن بۇرۇن دورا سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولغان – بولمىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ۋىتامىن E كومىلىچى ۋە بېلىق جىگىرى مېيى (يۈگەنيو) قاتارلىق كۇمىلاچ دورا ياكى كاپسۇل دورىلار ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا يۇمشاش، يېرىلىش، ماي ئېقىش ھەتتا چاپلىشىپ قېلىش، غەيرىي پۇراپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا چوقۇم ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى