تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قىرتاق دورا ئىچكەندە...

      كۆپىنچە ئادەملەر سۇيۇق دورا ئىچكەندە قىرتاق تەمىنى يوقىتىش ئۈچۈن، دورىغا ئازراق شېكەر قوشىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى جۇڭيى تېبابىتىدە ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى دورىنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: ئاچچىق دورىلارنىڭ ھۆللۈكنى ھەيدەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تاتلىق دورىلارنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار. ئەگەر دورىغا شېكەر قوشۇپ ئىچسە، دورىنىڭ ئەسلىدىكى ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.
      دورا بەك قىرتاق بولسا، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن بەزى «تەم تەڭشىگۈچلەر» نى قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بەزى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان دورىلارغا، چوڭ چىلان ۋە چۈچۈكبۇيا قوشۇپ ئىچسە، دورىنىڭ قىرتاق تەمى يوقىلىپلا قالماي، يەنە دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن دېڭىز يۇسۇنى، سۈتلۈك ئوت، كىرىمدانە قاتارلىقلار بار رېتسېپقا چۈچۈكبۇيا قوشۇشقا بولمايدۇ؛ سوۋۇتۇلغان سۇيۇق دورىلارغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، قىرتاق تەمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، لېكىن ئىچى سۈرگەن ۋە دىيابېت ئاغرىقلىرىغا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.
     ئەگەر سۇيۇق دورىلارنى ئىچكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا زەنجىۋىل شىرنىسى ئىچىۋەتسە بولىدۇ، يەنە دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمىگەن تۈزۈك.

مېھرىبانگۈل كېرەم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى