تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەرلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق قۇسۇرچى بولۇشى كېسەللىكمۇ

  ئۇنىڭ ئېرى تۇرمۇشتا سەل ئىنچىكە ھەم قۇسۇرچىراق ئادەم ئىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۆيگە كىرىشى ھامان ئايىغىنى ساپما كەشكە ئالماشتۇرۇشى، ئاياغنى بەلگىلەنگەن جايغا قويۇشى، ئازراقمۇ خاتالىق سادىر قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ھاجەتخانا شۇنچىلىك پاكىزكى، چاقچۇق پولغا بىر تېمىم سۇنىڭ تېمىپ قېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايتتى. ئۆينىڭ ئىچى تېخىمۇ پاكىز ئىدى. كىرلىكنى نەچچە كۈندە بىر يۇياتتى. بالكوندا گۈل بېقىشقا رۇخسەت قىلمايتتى، چۈنكى باكتېرىيە كۆپمىش.

  خوتۇنى بۇنداق تىپتىكى ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇنىڭ كۈچەپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ كەتكىنىنى كۆرسە، ھۆ قىلغۇسى كېلەتتى. باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سىرتتا نى-نى ئىشلارنى قىلىدۇ-يۇ، ئۇنىڭ ئېرى ئۆيگە سولىنىۋېلىپ شۇنداق زوقلىنىپ تازىلىق قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك خوتۇنى ئۇنىڭ بىلەن پات-پات قىزىرىشىپ قالاتتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى ئېيتتى. لېكىن، ئېرى ئۇنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈردۈڭ دەيتتى. ئەمما، خوتۇنى ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، بىر خىل قىسىلىش ۋە بىئاراملىق ھېس قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئېرى راستلا كېسەلمۇ؟

  بۇ ئەردە بەلكىم مەلۇم كېسەللىك ھالىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. ھەربىر نورمال ئادەم ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى نورمال ھېسابلىمايدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەرنىڭ تازىلىققا رىئايە قىلمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى مەزكۇر ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويسا، 100 ئايالنىڭ ھەممىسىنىڭ قوشۇلۇشى ناتايىن. چۈنكى، ئاياللارنىڭ نەزەرىدە ئەرلەر چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىشى كېرەك. كەسپىنى مۇھىم بىلىدىغان، كىچىك ئىشلارغا ئېسىلىۋالمايدىغان ئەرلەرلا كىشىگە ھەقىقىي ياراملىقتەك تۇيۇلىدۇ. ئاياللار تۇغما ئىنچىكە كېلىدۇ. كونىلار ئېيتقاندەك، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولسا ئاندىن بەختلىك بولالايدۇ. بۇ خانىمدىكى باراۋەرلىك ئېڭىنىڭ يوقىلىشىنى ئېرى پەيدا قىلغان. شۇڭا ئۇ بىئاراملىق ۋە قورقۇنچ كەيپىياتىغا چۈشۈپ قالغان.

  ئەلۋەتتە «مۇكەممەل» ئادەم بولمايدۇ. ھەربىر ئادەم يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلىغاندىلا ھەممىسىنى قايتىدىن باشلىغىلى بولىدۇ. لېكىن: «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ» دەيدىغان گەپمۇ بار. ئەگەر بۇ ئايالنىڭ بۇ ئۆينى قۇتقۇزۇپ قالغۇسى، ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ، پەرزەنتلەرگە ساغلام ئۆسۈش مۇھىتى ياراتقۇسى بولسا، ئېرى بىلەن ئوبدان پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز كۆز قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر ئېرى كاجلىق قىلىپ ئۇنى «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك» دەپ قارىسا، خوتۇنى ئۇنىڭ بىلەن يەنە داۋاملىق بىللە ئۆتۈشى كېرەكمۇ-يوق، دېگەننى قايتا ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ. ئىشقىلىپ بىنورمال ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈش بىر خىل كۆڭۈلسىزلىك، تەن سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.

  «بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى