تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

تولى ناھىيەسى ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››دىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى

  گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي

  ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، دوكلاتتىكى نۇرغۇن مەزمۇن ناھايىتى ئەمەلىي. تىنچ – ئامان، ئىناق، بەختلىك مەھەللە قۇرۇشقا مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىغا، ھەممەيلەننىڭ بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا توغرا كېلىدۇ››. تولى ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى قاراغاي باستاۋ ئاھالە كومىتېتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى كامان غازى 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى ئېسىپ مەھەللە مەدەنىيەت ئىشخانىسىغا يەنە كېلىپ، ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تەشۋىق قىلدى.

  ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى›› رولىنى جارى قىلدۇردى

  كامان غازى ھەر كۈنى سىرتقا چىققاندا يېنىدىن ئايرىمايدىغان ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى تولى ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بىر تۇتاش تەييارلاپ بەرگەن.

  كامان غازى مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى›› پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىمگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە سىرتقا چىقىپ تەشۋىق قىلىشقىمۇ ناھايىتى قولايلىق. بۇ كۈنلەردە ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى ئېسىپ، مەھەللىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلدىم. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەھەللىدىكى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدۈم، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، تولى ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى مەخسۇس تەييارلاپ، ناھىيەدىكى 66 كەنت ۋە ئون مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى 2400دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا تارقىتىپ بەرگەن. بۇ ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى›› پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

  كۇپ يېزىسىنىڭ دولاتى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئادالەت ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن، ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل، تەپسىلىي ئۆگەندى ھەم تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ھازىر قوشنىلىرىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  ئادالەت مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››دا ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئوقۇشلۇقى قاتارلىق ئالتە پارچە ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە خاتىر دەپتەر بار. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قەيەرگە بارسام ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى شۇ يەرگە ئېلىپ باردىم، شۇ يەردە ئۆگەندىم، شۇ يەردە تەشۋىق قىلدىم.

  ئورازقان ئادالەتنىڭ قوشنىسى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دائىم بىللە ئۆگەندى، قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىرلەشتى. ئورازقان مۇنداق دېدى: بىللە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىم ئۆستى، مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندۇم. بۇنىڭدىن كېيىن، تىرىشىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، نەسىللىك چارۋىلارنى كۆپلەپ بېقىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمەن، يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشكە يېتەكلەيمەن.

  ‹‹كىچىك سومكىنى ئېسىپ، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالدۇق››

  تولى ناھىيەسىنىڭ ئۇت بازىرى سارى قامىس كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زارقىم مۇنداق دېدى: بىز ئۇزاق مەزگىل چارۋىچىلىق رايونىدا ياشىغان، بۇ جايدا ئالاقىلىشىش ھەم قاتناشمۇ قولايسىز ئىدى. ناھىيەنىڭ ‹‹ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى›› كەلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىككە قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەرلەرنى يەتكۈزدى، بۇ خۇش خەۋەرلەر ئۇلار ئېسىۋالغان ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››دا ئىدى.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى ئېسىپ كەنتلەرگە كېلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆيمۇئۆي تەشۋىق قىلىشى ھازىر تولى ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. تولى ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىنىڭ روھى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېرىپ، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشتىكى ‹‹توكدان››ىغا ئايلاندۇردى.

  دولاتى كەنتىدىكى نۇرجان مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا كەنت يوللىرىغا ئاسفالت ياتقۇزۇلدى، ھەممە ئائىلە يېڭى ئۆي سالدى، بالىلار يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ... بۇ بىر قاتار ياخشى سىياسەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلدى. كۆپچىلىك ئۇلۇغ پارتىيەدىن چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئادالەت ھەر قېتىم كىچىك سومكىسىدىن نۇرغۇن ماتېرىيالنى چىقىرىپ كۆپچىلىككە تەشۋىق قىلىدۇ، بىز ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولىمىز، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

  ئۆرشۆلىت يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ خۇ مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››غا ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىش›› دېگەن سۆزلەر بېسىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا سومكىنى ئېسىپ ماڭغان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر مىللەت ئاممىغا ئەينەن، ئۆز پېتى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە، ھەممەيلەنگە يەتكۈزدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

  قاراغاي باستاۋ ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››نى ئېسىپ ماڭساق، تەۋەلىكتىكى ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ ماڭغاندەك ھېس قىلىمىز. مەن چوقۇم ‹‹پارتىيە ئەزالىرى كىچىك سومكىسى››دىكى ئۆگىنىش ماتېرىيالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتىم ۋە ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن ھەم تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ھەممە جايدا ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى