تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نىزامى›› رەسمىي يولغا قويۇلدى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى قورغاس شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قورغاسنىڭ تۇنجى يەرلىك نىزامى ‹‹قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹نىزام›› دېيىلىدۇ)نىڭ 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەم ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  ‹‹قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نىزامى›› 2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 – يىغىنىدا ماقۇللاندى. ‹‹نىزام›› يەتتە باب، 48 ماددا بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، مۇلازىمەت – باشقۇرۇش، ئېچىش قۇرۇلۇشى، كەسىپلەر تەرەققىياتى، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت يەتتە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ‹‹نىزام››دا يەرلىك نىزام شەكلىدە تەرەققىيات رايونىدا ئالدىن سىناق قىلىش ھوقۇقى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالدىن يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.

  قورغاس ‹‹جىنخې›› بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياڭدۇڭ ئىزاھاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بازار ئىگىلىكى ھەرىكىتىنى قانۇن – نىزام شەكلىدە قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ‹‹نىزام›› چىقىرىپ، بىزنى خاتىرجەم قىلىپ، كارخانىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قورغاس شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قورغاس شەھىرىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹نىزام››نىڭ يولغا قويۇلۇشى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ. ‹‹نىزام››نى يولغا قويۇش تەرەققىيات رايونىدىكى مەمۇرىي، كەسپىي، كارخانا سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە تەڭشەپ، تۈرلۈك ھەرىكەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتى يارىتىشنى قولايلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئۇزاقتىن بۇيان، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئالدىن سىناق قىلىش ھوقۇقىنى ئالدىن يۈرگۈزۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېڭىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. 2017 – يىلى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى ‹‹بىر رايون، تۆت كەسىپلەر رايونى››نىڭ 6 مىليارد 646 مىليون يۈەن تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى تاماملاپ، 2016 – يىلىدىكىدىن %52 ئاشۇرۇشى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق 12 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2016-يىلىدىكىدىن %59.6 ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى