تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ–خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹5–يانۋار›› مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ – خەتەرنى ئويلاش ـــ پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي گۈللىنىش داۋامىدا ئىگە بولغان مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم پىرىنسىپى.

  ‹‹دۆلىتىمىز ھازىر ئىستىقباللىق تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنسېرى، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ – خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى بولۇش كېرەك، ئىستراتېگىيەلىك، ئەجەللىك خاتالىقلارنى ھەرگىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ››، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىشىغا قويۇپ، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە چوڭ پارتىيەنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشىنى كۆزلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنى كونكرېت، چوڭقۇر ئانالىز قىلدى. باش شۇجى مۇھىم سۆزىدە چوڭقۇر كۈلپەت ئېڭى، ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ – خەتەرنى ئويلاش توغرىسىدا مۇھىم دەرس ئۆتتى.

  ‹‹كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئالدىنئالا ساقلىنىش ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قائىدە››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن – ئاخىر پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇشقا ئاگاھلاندۇردى، كۆپ قېتىم ‹‹ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى››نى نەقىل كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ماھىر بولۇشقا، ئۇلنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە ئەسكەرتتى. باش شۇجىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسكەرتىشلىرىنىڭ تۈپ مەنىسى ئەنە شۇنىڭدا، بىز تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىمىز، لېكىن، نۇقتىلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى كېچىكتۈرىدىغان ياكى ئۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئومۇمىيلىققا ئىگە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسى كۆپ قېتىم ئۈزۈۋېتىلىپ، بىزگە چوڭقۇر تارىخىي ئىبرەت قالدۇردى. كونىلار: ‹‹جاھاندىكى بالايىئاپەتلەر قىيىنچىلىق ۋە ئەگرى – توقايلىقلارغا دۇچ كەلگەندە يۈز بەرمەستىن، بەلكى ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغاندا يۈز بېرىدۇ››، دېگەن. بىز ھازىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۆزگىرىشى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، لېكىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بىز ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە ئۇنداق ياكى مۇنداق خەۋپ – خەتەرگە ئۇچرايمىز، ئەگەر ئۇنى ياخشى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىساق، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە زور زەربە بولىدۇ ۋە كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ‹‹ئىستراتېگىيەلىك، ئەجەللىك خاتالىقلارنى ھەرگىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ››، بىزدە چوقۇم مۇشۇنداق تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بولۇشى كېرەك، بىز كۈلپەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك زور خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى تۈگىتىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى تارىخىي پەللىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەم زور تارىخىي پۇرسەتكە، ھەم نۇرغۇن خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تاشقى خەۋپ – خەتەرمۇ، ئىچكى خەۋپ – خەتەرمۇ، ئادەتتىكى خەۋپ – خەتەرمۇ، شۇنداقلا زور خەۋپ – خەتەرمۇ مەۋجۇت. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق جەھەتلەردە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر بولغان نۇرغۇن خەۋپ – خەتەرنى مىسالغا ئېلىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەۋپ – خەتەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. خەۋپ – خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش ـــ خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، خەۋپ – خەتەرنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەش ـــ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر بولۇۋاتقان ئەتراپتىكى مۇھىت، مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ‹‹ھەم خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز، ھەم خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى تۈگىتىشتە ئاقىلانە تەدبىرگە ئىگە بولۇشىمىز؛ ھەم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم خەۋپ – خەتەرنى ئامان – ئېسەنلىككە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز››، بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئېڭىمىز، ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  توشقاننى كۆرۈپ ئوۋ ئىتىنى ئېسىگە ئېلىش، قوتاننى قوي يىتتۈرگەندىن كېيىن ئوڭشاش ـــ ناچار تەدبىر؛ قەھەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوزۇق – تۈلۈك توپلاش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـــ ئاقىلانە تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹5 – يانۋار›› مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنىڭ ئەڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ، ئەڭ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ياخشى تەرەپكە قاراپ تىرىشىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولساقلا، خىرىسلارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى يېتەكلەپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، غەلىبىلىك ھالدا شانلىق قىرغاققا چىقالايمىز.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى