تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئاجراشقان ئەرلەر ئېيتسا بولمايدىغان سۆزلەر

  ئەگەر نىكاھ تۇرمۇشى ئاجرىشىشتىن ساقلىنالماي قالسا، چىرايلىقچە خوشلاشقان ياخشى، ھەرگىزمۇ بۇ سەۋەبلىك بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن، بىر ياستۇققا باش قويغان ئەمەسمۇ.

  ئەگەر ئاجراشقاندا قارشى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سەت گەپلەرنى قىلسا، بۇنداق ئادەم بىلەن ئارىلىق ساقلىغان ياخشى. بەزى گەپلەرنى ئېھتىيات بىلەن سۆزلەش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاجراشقاندا ئەرلەر ئاياللارنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان بۇ ئۈچ جۈملە سۆزنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك:

  1. مەن ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان

  ئاجراشقاندا ئەگەر قارشى تەرەپكە مەن ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، دېسىڭىز، ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە نىكاھ تۇرمۇشى دېگەن بىر-بىرى بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىر مەيدان كۈلكىلىك ئويۇن ئەمەس.

  2. مەن ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتىم

  ئاجراشقاندا ئەگەر قارشى تەرەپكە مەن ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتىم، دېسىڭىز، ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. بۇ سۆزنى دېگەن ۋاقتىڭىزدا نىكاھ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ئىنتايىن مەنىسىز ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىسىز. سىز ئەركىنلىككە ئېرىشىپ پۇخادىن چىققاندەك ھېس قىلغىنىڭىز بىلەن، بۇ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدە ساقايمايدىغان جاراھەت پەيدا قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.

  3. مېنىڭ سىزنى ئەمدى پەقەت كۆرگۈم يوق

  ئاجراشقاندا ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپكە مېنىڭ ئەمدى سىزنى كۆرگۈم يوق، سىزمۇ بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمەڭ، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماڭ، بولمىسا ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. بەزى گەپلەرنى ئىچىڭىزدە بىلسىڭىزلا بولدى، ئېغىزدا ئىپادىلەش ھاجەتسىز. ئەمەلىيەتتە، نىكاھ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى ئاللىبۇرۇن بىر-بىرىڭلارغا ئايان بولۇپ بولغان.

تەرجىمە قىلغۇچى: فەرۇزە پەيزۇللا

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى