كېرەكلىك ماتېرىياللار:
ئىككى تال ئالما، 50 گىرام ناۋات، 50 گىرام سۇ، ئىنچىكە چوكا (ئادەم سانىغا قاراپ)
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1.ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۆرۈك چوڭلۇقىدا توغرايمىز.
2.ناۋاتنى قازانغا سېلىپ قىيام ھالەتكە كەلگۈچە ئېرىتىمىز.
3.قىيامنىڭ ئۈستىگە توغرالغان ئالمىلارنى سېلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرىمىز.
4.قىيامغا چىلىغان ئالمىلارنى ئىنچىكە چوكىغا ئۆتكۈزۈپ، سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: سەۋزە، چامغۇر مۇراببالىرىنى قاينىتىش ئۇسۇلىمۇ بېھى مۇرابباسىنى قاينىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. قەندالەت ياساپ ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى