تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس

ساھىپخان جېكېن قاناس قۇمقاناس كەنتىدىكى گۈزەل چوققا ئاستىدىكى «دىنا ھۇجرىسى»دا ساياھەتچىلەرنى قازاق مىللىتىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدىن بىرى بولغان ئات گۆشى نارېنىغا ئېغىز تەگكۈزمەكتە. (2-يانۋار فوتوسى)

 يېڭى يىل كىرىپ توختىماي ياغقان قار گۈللىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى كەڭ تەبىئەتنى كۈمۈش رەڭلىك كىمخاب تونغا ئورۇندى، بارچە مەۋجۇدات قىش ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇندى. قەھرىتان قىش ئايلىرىدا ياغقان قار، قار-مۇز دۇنياسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەرگە بايلىق ئاتا قىلدى. گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق سەيلىگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىشىلىق ساياھىتىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. قاتناش، ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردىكى شارائىتنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى قىشتا ئالتاينىڭ ئىچىكىرىسىدىكى تاغ ئارىسىغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىدىن ھوزۇر ئالىدىغان بولدى.

    قازاق چارۋىچى جېكېن-سەۋلېن ئەر-خوتۇن قاناس قۇمقاناس كەنتىدىكى گۈزەل تاغ چوققىسى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈردىغان بولۇپ، «دىنا ھۇجرىسى»دەپ ئاتىلىدىغان سەيلىگاھ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئاۋۋالقى يىللاردا بۇ كىچىك ھۇجرا ياز ۋە كۈز پەسلىدىلا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالاتتى، ھازىر قىشتىمۇ شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتى. 2017-يىلى نويابىردىن ھازىرغا قەدەر ئۇلار 400چە ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك بۇ ئارامگاھىدا ساياھەتچىلەر قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل تائاملىرىنىڭ بىرى بولغان ئات گۆشى نارېنىغا ئېغىز تېگىپ، قايماقلىق ئەتكەن چايلارنى ئىچىپ، چارۋىچىلار تۇرمۇشىنىڭ ئاددىي ئەمما شۇ قەدەر مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

  جېكېن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىز ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساپ كىرىمىمىزنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردۇق، بۇ كىرىم ئومۇمىي كىرىمىمىزنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى، ھازىر قاناستا يازلىق ساياھەتچىلىكلا جانلىنىپ قالماستىن، تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە قىزىيدىغان بولدى.

  قىشىلىق ساياھەتچىلىك قار ئاستىدا قالغان تىمتاس قاناسنى قايتىدىن ئاۋاتلاشتۇردى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىشىلىق چارۋىچىلار سەيلىگاھلىرىنى قۇرۇپ، ھەر خىل مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئاق قار ئېلىپ كەلگەن بايلىق بەرىكىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

(جاۋ گې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى