ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (قىسقارتىپ تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر يۇقىرى قۇۋۋەتلىك، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن كارخانا __ جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى چىچەي دىنامىكىلىق كومپرېسسور رېمونت قىلىش ۋە يۇقىرى قۇۋۋەتلىك دىزېل ماشىنىسىنى رېمونت قىلىش بازىسى تۈرى كورلا تەرەققىيات رايونىدا كېلىشىم تۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرگە 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، بۇ تۈر 2018-يىلىدىكى نۇقتىلىق ئىش باشلاش تۈرى بولۇپ قالىدىكەن، ھازىر ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىش باشلاش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل مارتتا قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلىنىپ، ئۆكتەبىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن.