ـــ ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىدە كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرىم (2)
مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي
1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى سائەت 8 دە، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى دائىملىق تۈرلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەرھات پەيزۇللا سايبولاتوۋنىڭ يان تېلېفونى تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى، بۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوستى چىلان زاكاز قىلىش ئۈچۈن قىلغان تېلېفون ئىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە، پەرھات پەيزۇللا سايبولاتوۋ نىيە ناھىيەسى روكىيا يېزىسىنىڭ ئاچما كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ چىلىنىنىڭ بېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ چىلانلارنى سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئويىغا كەلگەنىدى، ھازىرغىچە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوستلىرى ئارقىلىق 1600 كىلوگىرامدىن ئارتۇق چىلاننى سېتىپ چىقاردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر 2017 – يىلى 12 – ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە ئامما بىلەن بىللە بولدى. بۇ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە يۈكسەلدۈرۈلۈشى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ‹‹كۆڭلىنى توختىتىش››، ‹‹تۇرۇپ قېلىش››تىن ‹‹ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىق››، ‹‹يىلتىز تارتىش››قىچە، ‹‹كەنتتە تۇرۇش››تىن ‹‹ئۆيىدە تۇرۇش››، ‹‹قەلبلەرنى مايىل قىلىش››قىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يۈزتۇرا ئۇچرىشىش ئارقىلىق كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنلاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قوغدالدى.
تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا بىللە بولۇش: تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولدى
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىدە، بارلىق كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر سەھرا تامىقى يەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولدى. ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى زىمىستان قىشقا باشقىچە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ تەسىرلىك كارتىنىسىنى سىزدى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاق لىباستىن تون كىيگەنىدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گې ھېكىمشاھ مەدەلخاننىڭ ئۆيىگە كەلدى، ھېكىمشاھ مەدەلخان خوتۇنى بىلەن بىللە جاۋ گېنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ كۈتۈۋالدى، ئاندىن ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ ئۆيىگە باشلىدى.
جاۋ گې ھېكىمشاھ مەدەلخاننىڭ ئۆيىدە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە پەمىدۇر تۇخۇم قورۇمىسى، ئاچچىق – چۈچۈك بەرەڭگە قەلەمچىسى قورۇمىسى، كەرەپشە گۆش قورۇمىسى قاتارلىق مەززىلىك قورۇمىلارنى قورۇپ بەردى، ھېكىمشاھ مەدەلخاننىڭ ئانىسى جاۋ گېنىڭ تاماققا ئېپى بارلىقىنى كۆرۈپ، ‹‹يارايسىز›› دەپ باشمالتىقىنى چىقاردى. قىشلىق كۈن – تۈن توختىغان كۈنى، كۆپچىلىك بىللە جىلتا ئېچىپ، تۈگرە تۈگۈپ، چاقچاقلاشقاچ بىللە غىزالىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى. جاۋ گې كەچتە ھېكىمشاھ مەدەلخاننىڭ نەۋرىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاددىي ئائىلە تۇرمۇشى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. جاۋ گې قايتىش ئالدىدا، ھېكىمشاھ مەدەلخان ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدە سىزدەك بىر قېرىندىشىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆيمۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ ئۆيىڭىز، سىزنى ھەرقاچان قارشى ئالىمىز.
تىيانشاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تاماق ئەتتى، بازار ئايلاندى، ھويلا – ئارانلارنى سۈپۈردى، بالىلىرىغا دەرس تەكرارلاپ بەردى، تۇغقانلار چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى، قەلبلەر ھاياجانغا تولدى، چىرايلاردا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، كۆڭۈللەر ئىللىدى.
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، خەنزۇ كادىرلار، ئەرلەر، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە ياشلاردىن تۇغقان يوقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى، ئۇلار ھەر مىللەت تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇردى. تۇغقانلاشقان كادىرلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، يۇرتداشلار كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى بەس – بەستە ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇلار ئۆيلەرنى پاكىز تازىلاپ، يېڭى يوتقان – كۆرپىلەرنى تەييارلاپ، تۇغقانلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىر ھەپتە تۇغقانلىشىش جەريانىدا ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى، يۇرتداشلار شەھەرلىك تۇغقانلىرىنى ئۆزىنى چوڭ تۇتمىدى، قوي – كالىلارغا يەم بەردى، ئېغىر – يېنىك ئىشلارنى قىلدى، پارتىيەنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى، ياخشى ئىستىلىنى ئېلىپ كەلدى! دەپ ماختاشتى.
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا يەنىمۇ چىڭىتتى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۇرغىدى، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.
جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش: قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇرلاشتى، خەلق غەمدىن خالاس قىلىندى
دۇنيادا بىر خىل دوستلۇق مېھرى بار، ئۇ بولسىمۇ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش.
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە، بەزى كادىرلار يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆكتات، گۆش سېتىۋېلىپ، تۇغقانلىرىغا تاماق ئېتىپ بەردى؛ بەزىلىرى ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ھويلا – ئارانلارنى سۈپۈردى، چارۋىلارغا يەم بەردى، قوتانلارنى تازىلىدى؛ بەزىلىرى تۇغقىنىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆمۈر، مەش، ئۈستەل چىرىغى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ بەردى؛ بەزىلىرى بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلدى، دەرس تەكرارلاپ بەردى، دۆلەت شېئىرى ۋە دۆلەت تىل – يېزىقىنى ئۆگەتتى؛ بەزىلىرى تۇغقىنىغا ھاجەتخانا، تام مەش سېلىپ بەردى؛ يەنە بەزىلىرى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، نوپۇس رەسمىيىتى بېجىرىش، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىش، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، خوتەن ناھىيەسى ئىسلام ئاۋات يېزىسىنىڭ لىچىنتوقاي كەنتىدىكى سالامەتخان ئېزىزنىڭ غەمدىن چىرايى ئېچىلماي كەلگەنىدى. قىزى نۇرگۈزەل خېلىل ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئالىي تېخنىكومغا ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغان، بىراق يىلىغا 5000 يۈەن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەنىدى.
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ تۇغقىنى ـــ شىنجاڭ سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ كادىرى فۇ ۋېيخۇا بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. فۇ ۋېيخۇا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ماتېرىيال ئىزدەپ، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ سالامەتخان ئېزىزغا خەت يېزىپ، بۇ ھەقتىكى سىياسەتلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەت بىلەن سالامەتخان ئېزىزنىڭ ئەندىشىسى تۈگەپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئەمگەكتە، تۇرمۇشتا ئامما بىلەن بىللە بولدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى بايقىدى ۋە ھەل قىلدى. قىسقىغىنا 20 نەچچە كۈندە ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر 4 مىليون(قېتىم) ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى، تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، 940 مىڭ(قېتىم) بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە ئاممىغا 940 مىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ‹‹خەلققە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەپتىلىكى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەپتىلىكى، خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ھەپتىلىكى››گە ئايلاندۇرۇپ، ئەل قەلبىنى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
بىر ھەپتىلىك تۇغقانلىشىش جەريانىدا، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىنىڭ ئوي – خىيالى ۋە ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، يۈزتۇرا سىردىشىپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش: قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش
‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىدە، كادىرلار ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ۋە ‹‹ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى›› ئۈندىدار سۇپىسىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يوللاپ، ئاساسىي قاتلامدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى.
2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن 2 – تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان 60 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)نى سوۋغا قىلدى ھەم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زاغرا تىلدا چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈردى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن – تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چىن تۇغقانلىرى بىلەن شىرە ئەتراپىغا يىغىلىپ، ھال – مۇڭ قىلىشقاچ ‹‹كەچلىك تەشۋىقات››نى باشلىدى. يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، تۇغقانلىرىغا بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. جوۋ چىن پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، تۇغقانلىرىنى يەنىمۇ تىرىشىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىپ، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.
‹‹كەچلىك تەشۋىقات›› خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى قانات يايدۇرغان ‹‹يەتتە بىر قېتىم›› پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى. خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىر قېتىم كەچلىك تەشۋىقات قىلىش، بىر قېتىم مىكرو پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، بىر قېتىم نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش، بىر قېتىم ئائىلىۋى ھېكايە سۆزلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش، بىر قېتىم قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو دەرسى ئۆتۈش، بىر قېتىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى دەرسى ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەنت دوقمۇشىدا، ئۆيلەردە، ئېتىز – قىرلاردا تەشۋىق قىلدى.
كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مېغىزلىق يۈزتۇرا تەشۋىق قىلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قەلبىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا مۇجەسسەملەپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.
كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. پەرھات پەيزۇللا سايبولاتوۋ مۇنداق دېدى: ئېغىزدا سۆزلەپ، ئەمەلىيەتتە تەسىر كۆرسىتىپ تەربىيە بېرىشنىڭ نەتىجىسىدە، كەنتتە زامانغا ماس كەلمەيدىغان قائىدە – يوسۇن، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەر ئازايدى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چىن ھېسسياتىنى نامايان قىلدى.