تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

بۇلتۇر شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى كۈتۈۋالدى

 ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشقان.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 5-ئۆكتەبىر شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىليون 250 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، شۇ يىللىق نىشان ۋەزىپە ئالدىن ئورۇندالغان. 2017-يىلى 30-نويابىر شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 105مىليون 619 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.41 ئاشقان. ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمال قىممىتى 179 مىليارد 114 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.27 ئاشقان، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش ئومۇمىي مىقدارى بىلەن ساياھەت ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم رېكورت يارىتىلغان.

 2017-يىلى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق قۇرۇلۇش ساياھەت تۈرى 436 غا يېتىپ، 20 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ تاماملانغان. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ساياھەت كەسپى شىنجاڭدىكى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى