تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (4)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، 2018 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھازىر، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

  2018 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت – مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەدە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ››. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭ، ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە ھەرىكەت ئېڭى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتى رەھبەرلىك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  2018 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يەنە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئۇنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ـــ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىدە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئىقتىدار، كەسپىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەندىلا، كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلىگەندىلا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەدبىر، تۈزۈلگەن سىياسەت، قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي زىددىيەت بىلەن زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇشقا، ماسلىشىپ ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، ھەم ئىقتىساد خىزمىتىگە ياخشى رەھبەرلىك قىلغۇچى، ھەم كونكرېت خىزمەتلەرنى ياخشى ئىجرا قىلغۇچى، ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشى كېرەك.

  2018 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچ. ھەر قانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. خىزمەت ئىشلەشتە يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ، سىياسەتنى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا، ئېسىپ قويۇشقا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى بىر – بىرلەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر باسقۇچ – بىر باسقۇچتىن چىڭ تۇتۇپ، بىر مەسىلە – بىر مەسىلىدىن ھەل قىلغاندىلا، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئىستىلنى ياخشىلاپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چوقۇم ئېسىل ئەنئەنە بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ئورگان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇكاپاتلاش، جازالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ھاسىل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتقاندىلا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىجرا قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  بىز تاغ – دەريالاردىن ھالقىش غەيرەت – جاسارىتىمىز، ئەستايىدىل، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىمىز بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى باشلاشقا، ئۇنىڭدا ياخشى قەدەم ئېلىشقا، ئۇنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى