تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرەيلى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹5–يانۋار›› مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ‹‹يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشتا، پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك››.

  شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا ئېتىقاد جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بەش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يىراقنى كۆرەر تارىخىي نەزەر دائىرىسى، كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭى، چوڭقۇر ئىدىيەۋى يۈكسەكلىك بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى قەتئىي ئۇنتۇمايدىغان بۇرچىنى مەۋقە قىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ، چوڭ پارتىيەنىڭ داھىيسىگە خاس كەڭ قورساق خىسلىتىنى، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى.

  ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى. پارتىيەمىزنىڭ 97 يىللىق تارىخىغا نەزەر سالساق، پارتىيەمىز دەل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەچكە، باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى تۈپ كاپالەت؛ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەمىزنى ماركسىزملىق پارتىيە سۈپىتىدە قۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى.

  پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلغاندىلا، باشتىن – ئاخىر قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچ پارتىيەمىزگە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى خىرىس، يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەمىزنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئامىللار ناھايىتى كۈچلۈك خەتەرلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى بەلگىلىگەن، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئۈزۈل – كېسىل جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹نام چىقىرىپ تۆھپە كۆرسەتكەندە، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلايدىغان، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاش ئاسان ئەمەس، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش، باشتىن – ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇش ئاسان ئەمەس، تىنچ مەزگىلدە ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەشەمەتچىلىكنى تۈگىتىش ئاسان ئەمەس، زور ئۆزگىرىش ئۆتكىلىنىڭ ئېقىمىغا، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇنلىشىش ئاسان ئەمەس››تىن ئىبارەت ‹‹تۆت ئاسان ئەمەس››نى چىڭ ئەستە تۇتۇپ، 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە مۇشۇنداق چوڭ پارتىيەنى مەغلۇپ قىلالايدىغىنى پەقەت ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك. پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىمىزگە قارىتىپ، ئۇستىخاننى قىرىپ كېسەلنى داۋالاشقا، ھاياتىمىزدىن كېچىشكە جۈرئەت قىلساقلا، ئاندىن ‹‹بالا – قازانىڭ پەردە ئىچىدىن چىقىپ قېلىش››نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باشتىن – ئاخىر قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتىغا، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە، باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنالايمىز.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ياخشى قۇرۇشتا ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېتىقاد جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بەش تەلەپ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا قويۇلغان، شۇنداقلا بۇ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن كۈتۈلگەن ئۈمىد. بىز غايە – ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، باشتىن – ئاخىر ئاممىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارىمىز ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلا بولساق، پارتىيەمىز چەكسىز قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك بوران – چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹5 – يانۋار›› مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرىدىغانلا بولساق، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى