تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن، تىنچ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى

 ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018–يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (5)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ‹‹جۇڭگونىڭ توپلىغان تەجرىبىلىرى ۋە ئەقىل – پاراسىتى نۇرغۇن دۇنياۋى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ››، ‹‹جۇڭگونىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى دەل كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن››... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ‹‹جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ تىنچ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە دۇنياغا ‹‹دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى›› دېگەن جۇڭگونىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىنى يەنە بىر قېتىم سۇندى.

  گۈزەل تىلەك، تەنتەنىلىك ۋەدىلەرگە جۇڭگونىڭ قىممەت ئېتىقادى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردا كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ دۆلەت داھىيسىلىق دۇنياۋى نەزەرى ۋە دۇنياۋى ھېسسىياتى نامايان قىلىندى.

  جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئىجابىي كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹يار لېۋىگە كېلىپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملىشىش ۋە جانلىنىش ئىزىغا چۈشۈردى››؛ دۇنياۋى ئىقتىساد دېڭىزىغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ دادىل قوغدىغۇچىسى بولدى؛ گۇرۇھۋازلىق قىلماي، ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نى كېڭەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ خەلقئارا جامائەت مەھسۇلاتلىق خاسلىقىنى ئاشۇردى؛ جەمئىي 36 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش خادىمى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى... ‹‹جۇڭگو ئاللىبۇرۇن بىر ھەقىقىي يېتەكچىگە ئايلاندى››، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۇنياغا يېڭى كەيپىيات قوشماقتا.

  رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا – سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقىدا، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ‹‹يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسى››نى رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك جاكارلىدى. APEC بېيجىڭ يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يەر شارىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قارىشى ئارقىلىق كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. ‹‹پۈتۈن خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش››، ‹‹دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش››، نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىش، ئادالەتسىزلىككە جەڭ ئېلان قىلىش، بۇلغىنىشقا جەڭ ئېلان قىلىش ــــ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئورتاق دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشىغا موھتاج بولماقتا.

  ھازىر دۇنيا 100 يىلدىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان زور ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرماقتا، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا، تېخنىكا ئىنقىلابى ناھايىتى تېز بولماقتا، تاسادىپىي خەۋپ – خەتەر ئىزچىل مەۋجۇت، تەرەپلەر ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ھەم ئۈمىد كۈتمەكتە، ھەم ئەندىشە قىلماقتا. خەلقئارادىكى ‹‹قالايمىقانچىلىق›› ۋە جۇڭگوچە ‹‹ئىدارە قىلىش›› جۇڭگو لايىھەسىنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۆجىزىسى ياراتقان جۇڭگو دۇنيا بىلەن ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پايدىسى››دىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ‹‹ئىدىيەۋى قاراش پايدىسى››دىنمۇ ئورتاق بەھرىلەنمەكتە. جۇڭگو چەت ئەل ئەندىزىسىنى ‹‹كىرگۈزمەيدۇ››، جۇڭگو ئەندىزىسىنىمۇ سىرتقا ‹‹چىقارمايدۇ››، باشقا دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى ‹‹كۆچۈرۈپ›› قوللىنىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاۋۋالقىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى – خاتىرجەملىكى، ئورتاق تەرەققىياتى، مەدەنىي ئالاقىسى ۋە بىر – بىرىنى ئۆرنەك قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار، بۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئائىلىسى بولۇپ، ئۇنى 7 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى ئورتاق قوغدىشى زۆرۈر. جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە يۈرۈش قىلىش يولىدا قىلغان كۈرىشى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى؛ جۇڭگونىڭ يولىمۇ دۇنيانىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ تىنچ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقۇسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى