بۇلتۇر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن جاڭ ۋېي ئاتا – ئانىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، يۇرتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى قىلىپ باققان بولغاچقا، يېزىلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. جاڭ ۋېي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالتە دوستى بىلەن بىللە ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى قۇرۇپ، تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىپ، ‹‹مېۋە – چىۋە ماكانى›› بولغان شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ جايلارغا سېتىشنى پىلانلىدى.
ئۇنىڭ شىركىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا جىڭ ناھىيەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلىشىپ، ئۆسۈمسىز قەرز پۇل، سۇ، توك ۋە توردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى. دوستلىرى جايلاردىن ئۆزگىچە، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ، جىڭ قارا ئالقىتى، خوتەن ئەتىرگۈلى، كورلا نەشپۈتى، ئاقسۇ ئالمىسى، خوتەن پىيالما ئانىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تاۋباۋ، ئۈندىدار دۇكانلىرىغا كىرگۈزۈپ، سۈپەتكە تايىنىپ بازار ئاچتى.
(سۈرەت 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى