تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ، بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ دۆلەتكە ياخشى رەھبەرلىك قىلىش مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن بەك مۇھىم، سىياسىي ئورنىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي قاراش تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇر ۋە ئومۇملۇق قارىشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم سەۋىيەمىزنى ئاشۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا بىر- بىرىگە سىڭدۈرىدىغان، خەلقئارا بىلەن ئىچكى ۋەزىيەتنى ئۆزئارا بىر- بىرىگە باغلايدىغان، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدىغان كەڭ نەزەر بىلەن بەزى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- يانۋار تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ، بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ دۆلەتكە ياخشى رەھبەرلىك قىلىش مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن بەك مۇھىم، سىياسىي ئورنىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي قاراش تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇر ۋە ئومۇملۇق قارىشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم سەۋىيەمىزنى ئاشۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا بىر- بىرىگە سىڭدۈرىدىغان، خەلقئارا بىلەن ئىچكى ۋەزىيەتنى ئۆزئارا بىر- بىرىگە باغلايدىغان، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدىغان كەڭ نەزەر بىلەن بەزى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ـــ پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قىلغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپىنچە ئۇزاق تارىخىي جەريان كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىمىزنى ئەسلەپ، باشقىلار بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە ماڭغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدىغانلا بولساق، نۇرغۇن مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېنىق ئىگىلىيەلەيمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشمىگەن، بەلكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى داۋاملىق ئىزدىنىشتىن، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارغان 97 يىللىق ئەمەلىيەتتىن، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خارابلىشىشتىن گۈللىنىشكىچە بولغان 170 نەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپىسىدىن، 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ پارتىيە ۋە خەلق نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك نەتىجە. بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا توختىمىغان.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ماركسىزمغا، ئىلمىي سوتسىيالىزمغا بولغان ئەھمىيىتى ۋە دۇنيا سوتسىيالىزمىغا بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى» دېگەن بۇ زور سىياسىي ھۆكۈمدىن بىز بۇ يېڭى دەۋرنىڭ قانداقتۇر باشقا يېڭى دەۋر ئەمەس، بەلكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز يېڭى تارىخىي ئورۇندا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست ھەم ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي روھنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئىلگىرىكى غەلىبە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئىلگىرىكى شان- شەرەپلەر كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ شان- شەرەپ قازانغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان سوئالىنى تەكشۈرگۈچى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى، گۈللىنىشى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ 97 يىل داۋاملاشتۇرغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرگىز غەلىبىدىن مەغرۇرلانماي، مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا بوشىشىپ قالماي، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇپ، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇلارنى بىر تۇتاش يولغا قويۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلالايدىغان، تۈرلۈك داۋالغۇشلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بۇ، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تارىخىي بۇرچ پارتىيەمىزگە نىسبەتەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى خىرىس ۋە يېڭى تەلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئامىللار ناھايىتى كۈچلۈك خەتەرلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى بەلگىلىگەن. شۇڭا يېڭى كۈچ يېتىلدۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىز، ھالقىلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ ئىگىلەپ، ئومۇمىي ھالەت شەكىللەندۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل- كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنى ئۆرنەك قىلغاندىلا، گۈللىنىش ياكى زاۋال تېپىشنى بىلگىلى بولىدۇ. نام چىقىرىپ تۆھپە كۆرسەتكەندە، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلايدىغان، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاش ئاسان ئەمەس، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش، باشتىن- ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇش ئاسان ئەمەس، تىنچ مەزگىلدە ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەشەمەتچىلىكنى تۈگىتىش ئاسان ئەمەس، زور ئۆزگىرىش ئۆتكىلىنىڭ ئېقىمىغا، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇنلىشىش ئاسان ئەمەس. پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشى، باشتىن- ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزى باشتىن- ئاخىر قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئېتىقاد جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى؛ سىياسىي جەھەتتە جەزمەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتە سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكىتى، ئەمەلىيىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى؛ مەسئۇلىيەت جەھەتتە جەزمەن قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تارىخ ۋە خەلق ئالدىدا ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان بولۇشى؛ ئىقتىدار جەھەتتە جەزمەن قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىم ئىگىلىشى، يېڭى ساھەگە پىششىق بولۇپ، نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى؛ ئىستىل جەھەتتە جەزمەن قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا سىياسىي ئورنىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چىن دىلى بىلەن خەلقتىن ئۆگىنىش داۋامىدا خىزمەت نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىزمەت تەجرىبىسىنى بېيىتىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كەمتەرلىك بىلەن خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئاڭلىق ھالدا ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ، خەلققە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ئىزچىل يېڭىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى تۈگىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەھبىرىي كادىرلار «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى پۈتكۈل خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئادەت يېتىلدۈرۈپ، مەنزىلىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەق- ناھەقنى، ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىپ، ساغلام قىزىقىشقا ئىنتىلىپ، پاك- تەلەپچان بولۇش يۇقىرى ئۆلچىمى بىلەن ئۈزلۈكسىز بىردەكلىكنى ساقلاپ، كۆڭلىدە بولسا چەكلەپ، ھەرىكىتىدە بولسا توسۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا تەگمەسلىكى كېرەك. ھەر بىر رەھبىرىي كادىر ئۆزىنى پاك تۇتۇشنى بىرىنچى ئۆتكەل قىلىپ، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ ئۆزىنى چەكلىشى، قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئالاھىدە ئىمتىياز ئەھۋالىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، نازارەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان مۇھىتتا ئىشلەش ۋە ياشاشقا ئادەتلىنىپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «كۈتۈلمىگەن ئىشلاردىن ئالدىنئالا ساقلىنىش ــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قائىدە». دۆلىتىمىز ھازىر ئىستىقباللىق تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنسېرى، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى بولۇش كېرەك، ئىستراتېگىيەلىك، ئەجەللىك خاتالىقلارنى ھەرگىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر بولۇۋاتقان ئەتراپتىكى مۇھىت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز ھەم خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز، ھەم خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى تۈگىتىشتە ئاقىلانە تەدبىرگە ئىگە بولۇشىمىز؛ ھەم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم خەۋپ- خەتەرنى ئامان- ئېسەنلىككە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى داۋاملىق قىلىپ، بارلىق جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تەييارلىنىپ، پارتىيەمىز بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىزچىل بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىزچىل بولۇش، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، بىزنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز جەزمەن ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ئەزا رەھبىرىي يولداشلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.