تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئىزچىل چىڭ تۇرايلى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرايلى

  ــــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5- يانۋار» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ـــــ پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قىلغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇنى جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

  1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۈچ ئىزچىل» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى چوڭقۇر شەرھلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى تارىخ ۋە رېئاللىقنى باغلىغان بولۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن، مەزمۇنى ئىنتايىن مول، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا تارىخىي نەزەر دائىرە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تارىخىدىن ئىبارەت بەش نۇقتىدىن پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. پارتىيە تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، 28 يىل قانلىق كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب قىلىپ ۋە ئىزدىنىپ، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم نۇرغۇن مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈردى؛ تارىخىي يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىنقىلابنى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتى، بۇ، دۆلىتىمىزنى چوڭ قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن قىممەتلىك نەتىجە، بىزنىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز ئاسانغا توختىمىغان ئۇنى جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن دۇنياۋى نەزەر دائىرە بولۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە ئىلمىي ھەقىقىتىنى ئېنىق تونۇش، ئۇنى دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قويۇپ ئىگىلەش كېرەك. 500 يىلدىن بۇيان، سوتسىيالىزم قۇرۇق خىيالدىن ئىلمىيلىككە، بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىيىتىدىن كۆپ دۆلەت تەرەققىياتىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غايەت زور غەلىبىسى دۇنياغا شۇنداق خىتاب قىلىدۇكى، سوتسىيالىزم بەربات بولغىنى يوق ھەم بەربات بولمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولماقتا. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، 21- ئەسىردە ئىلمىي سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بايراققا، دۇنيا سوتسىيالىزمىنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلانماقتا. بايراق يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەمىز يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى كېرەك. دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ئالدىدا، پارتىيەمىزنىڭ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تارىخىي تۆھپە قوشۇشقا مەسئۇلىيىتى، ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنقىلاب روھىنى باشتىن- ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. بىز ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركسىزملىق ئىنقىلابىي پارتىيە، جەزمەن ئىلگىرىكى ئىنقىلاب دەۋرىدىكى جاسارەتنى، ئىنقىلاب قىزغىنلىقىنى، جان تىكىش روھىنى ساقلىشىمىز، ئىنقىلابىي خىزمەتلەرنى ئاخىرغىچە ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىلگىرىكى غەلىبە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى، ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىنقىلابىي روھنى، ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلىشى، دادىللىق بىلەن پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ 97 يىل داۋاملاشتۇرغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى، غەلىبىدىن مەغرۇرلانماسلىقى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپلا بوشىشىپ كەتمەسلىكى، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى تىرىشىپ نامايان قىلىشى كېرەك.

  دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان سوئالىنى تەكشۈرگۈچى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5- يانۋار» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى چىڭىتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرسەكلا، جەزمەن خەلققە يېڭى ھەم تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- يانۋار تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى