تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولايلى

  ــــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە بولۇپ، چوقۇم چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىدەك مۇھىم ھۆكۈمنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋرگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىققەتنى يېڭى تەلەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، چوقۇم «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. ھازىردىن 2020- يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان مەزگىل. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلىش ــــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان ئۆتكەل. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، ئۇنىڭ تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك مۇھىم نىشان ۋە ۋەزىپە، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم تۇتقا ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئىكەنلىكى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»دە غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ توققۇز تۈرلۈك خىزمەتتە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەر چىڭ تۇتۇلغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى پۇختا ئىگىلەش ــــ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بىز «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، چوقۇم «بىر ياخشى مۇھىت» يارىتىش كېرەك. تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىغاندىلا، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، مۇقىم مۇھىت بولمىسا، تەرەققىياتتىكى بارلىق نىشانلار قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ يادروسى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بىز مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل، ئۇزاق مۇددەت، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى