سۈت تەركىبىدە كالتسىي ئەڭ يۇقىرى، ئەمما قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى كالتسىي بىلەن بىرىكىپ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتە، تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن ئىككى سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا قېتىق ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بىراق، مۇتەخەسسىسلەر قېتىقنىڭ كالتىسىي تولۇقلاش رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كەچتە ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
نۇنىڭ سەۋەبى شۇكى كەچ سائەت 12 دىن تاڭ سەھەرگىچە بولغان ۋاقىتتا قان تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولغاچقا، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىي ئەڭ كۆپ سۈمۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا كەچ سائەت 12 دىن تاڭ سەھەرگىچە بولغان ۋاقىتتا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئازراق بولىدۇ.
«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى