ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 2017-يىل 28-دېكابىر بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى ئوبلاست بويىچە شەھەر-بازارلاردا 39مىڭ 393ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 3172 ئادەم بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97 كە يەتكەن. ماھارەت-تېخنىكا بويىچە قانات يايدۇرۇلغان تەربىيەلەش 27 مىڭ 700 ئادەم-قېتىم، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى 89 مىڭ ئادەم-قېتىمغا يېتىپ، ھەممە ئائىلىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇش ھەرىكەتچان ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
2017-يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە داۋاملىق كۈچىگەنلىكتىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى.