ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىن
(قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدىن)
1. ئاپتاپ. ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش، مەزى بېزى كېسىلى، پۇت-قول ئاغرىش، ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ھەرىكەت. ئۇ ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن ھەرىكەت ۋاقتى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندە يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلىدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
3. ساپ ھاۋا. ئەتىگەن كەچلىرى سىرتلارنى ئايلىنىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاندا نەپەسلىنىش راۋانلىشىدۇ، قان بېسىمدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
4. ئىلمىي غىزالىنىش. تاماقنى پات-پات ئاز-ئاز يېگەندە ھەر خىل كېسەللىكلەردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
5. مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش. رادىيو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش، گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتاب ئوقۇش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىش، قارتا، شاھمات، دامكۇ، بېليارت ئويناش ئادەمنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
6. روھىي ئازادىلىك. ئادەم خىزمەت، ئائىلە، تۇرمۇشتا ئىجىل-ئىناق، خاتىرجەم بولغاندىلا روھىي ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ، بەدەنمۇ ساغلام بولىدۇ.
«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى