تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى باسقۇچلار

  كۆز ئەتراپىنى ئاسراشتىكى خاتا قاراش

  بىر خىل كۆز مەلھىمىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئورتاق ئىشلىتىش

  كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك تېرە پەرۋىشى ئاساسەن ئوخشىمايدۇ. كۆز ئەتراپىغا كۈندۈزدە نەملىك ساقلاش مەلھىمىنى، كەچتە بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەلھىمىنى سۈرۈش كېرەك. ئاقارتىش كۆز مەلھىمى بولسا ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈركىلىدۇ، كەچتە سۈركەشكە ماس كەلمەيدۇ، بەك نەمخۇش كۆز مەلھىمىنى كۈندۈزدە سۈرتسە تېرىنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  كۆز مەلھىمى قانچە نەم بولسا شۇنچە ياخشى

  كۆز مەلھىمىنى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئالماشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئوخشىمىغان پەسىلدە تېرىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يازدا يېنىك بولغان كۆز مەلھىمىنى، قىشتا كۆز ئەتراپى بىرقەدەر قۇرغاق بولسا، نەملىكى يۇقىرى كۆز مەلھىمىنى تاللاش كېرەك.

  كۆز مەلھىمىنى پەقەت كۆز قاپىقى ۋە كۆز قۇيرۇقىغا سۈركىسىلا كۇپايە

  كۆز قاپىقى بوشاپ كەتسە، كۆز تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالىدۇ . شۇڭا ئاستى-ئۈستى كۆز قاپىقى،كۆز ئۇۋىسى ۋە كۆز قۇيرۇقىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ.

  كۆز ئەتراپىنى پەرۋىش قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە تەس ئەمەس

  كەچتە كۆز مەلھىمى ئىشلەتكەندە ۋاقىتقا دىققەت قىلىش كېرەك

  ئادەتتە خانىم-قىزلار ئەتىگەن ۋە كەچتە كۆز مەلھىمى ئىشلەتسە ياخشى دەپ ئويلايدۇ، ئامال بار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىشلەتمەڭ، بولمىسا تېرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.

  قانغۇدەك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش

  ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا كۆز قىسمىدا بىرقاتار مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن كۆز ئەتراپى قارىداش، كۆز ئەتراپى تېرىسى بوشاش، قاتارلىقلار . كۆز ئەتراپىدىكى تېرىنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك ئۇخلاش، ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆز ئىششىقىنى يوقىتىش

  كۆز ئىششىقى ئادەمنى روھسىز كۆرسىتىپلا قالماي، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كۆز ۋە ئەتراپىدىكى تېرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆز ئىششىقى بولسا، كۆز خالتىسى ئىچىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇدىن ھاسىل بولغان، شۇڭا كۆز ئىششىقىنى يوقىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. كۆپ قىسىم كۆز مەلھىمى تەركىبىدە ۋىتامىن K ياكى ياۋا كاشتاندىن ئاجرىتىپ ئالغان ماددىلار بولۇپ، بۇ ماددىلار كۆزنىڭ چارچىشىنى يوقىتىشتا رولى زور. ھەر كۈنى كۆز مەلھىمى ئىشلەتكەندە كۆز ئەتراپى تېرىسىگە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى