تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئاجرىشىش ئادەمنى ھەسرەتلەنگەك، قايغۇرغاق قىلىپ قويىدۇ

      بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن مەلۇم بولدىكى، نىكاھ پىسخىك ساغلاملىققا پايدىلىق. ئاجرىشىش بولسا، ھەسرەتلىنىش، قايغۇرۇش، قالايمىقان دورا ئىشلىتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

      بۇ تەتقىقات دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى دۇنياۋى پىسخىك ساغلاملىق ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 15 دۆلەتتىن 334493 ئادەم تەتقىق قىلىنغان. تەتقىقاتتىن يۇقىرى نىسبەتتىكى پىسخىك ساغلاملىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نىكاھنىڭ ئاجرىشىش ياكى جۆرىسى قازا قىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئاخىرلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئاياللار دورىنى ئەڭ كۆپ قالايمىقان ئىشلىتىدىغان قەۋمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ ھەسرەتلىنىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقى بايقالغان.

      بۇ تەتقىقاتتىن يەنە توي قىلغاندا ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭمۇ پىسخىك ساغلاملىقى تەنھا ياشىغان چېغىدىكىدىن ياخشى بولىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ بايقاش بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتتىكى بىلەن ئوخشاش چىققان. ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە تۇنجى نىكاھتىلا ھەسرەتلىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر: «بۇنداق ئەھۋال ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئەنئەنىۋى رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دېدى. دۇنياۋى پىسخىك ساغلاملىق تەكشۈرۈشىدىن چىقىرىلغان نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىشى قانچە يۇقىرى بولسا، ھەسرەتلىنىش كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.

      تەتقىقاتتىن بايقالغان جىنسىي جەھەتتىكى يەنە بىر پەرق — توي قىلىش ئاياللارنىڭ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان بولۇپ، تەتقىقاتتا يەنە نىكاھنىڭ ئەر-ئاياللارنى پىسخىك جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام قىلىدىغانلىقى، نىكاھنىڭ ئاخىرلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب ۋە غەم-قايغۇنىڭ ئادەمنى پىسخىك كېسەللىكلىرىگە تېخىمۇ كۆپ گىرىپتار قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

«ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى