تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىناق ئۆتۈش سەنئىتى

دىلنۇر زەينۇللا

  بىر-بىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ، ھاياتىنى بىللە ئۆتكۈزىدىغان ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بەزى ئۇنداق-مۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئىي.

  تۆۋەندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىلەر ھەمىشە ئائىلىدىكى بەزى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن قۇتۇلالمايدىغان ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئىناقلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق.

  1. روھىي ھالەتنى نورمال ساقلاش كېرەك. بارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاخىرقى ئۆمۈرنى تىنچ، بەخىرامان ئۆتكۈزۈش كېرەك، مانا شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخت. روھىي ھالەتنى نورمال ساقلىغاندا، ئادەم ئاچچىقتىن خالىي بولىدۇ، كۆڭلى خۇشال ئۆتىدۇ، جېدەللىشىمەن دەپمۇ جېدەللىشەلمەيدۇ.

  2. جېدەللىشىشمۇ لايىقىدا بولۇشى لازىم. ئەر-خوتۇنلار جېدەللەشكەندە كانىيىنى سەل تۇتۇۋېلىپ، جېدەلنى لايىقىدا قىلىشى لازىم. بۇنىڭدا ھەم ئەتراپتىكى قولۇم-قوشنىلارنى بىزار قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئەر-خوتۇننىڭ ئابرۇيىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ زىددىيەتنىمۇ تېزلا پەسەيتىپ، مەسىلىنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  3. يوللۇق گەپ قىلىش، ئادەم تىللىماسلىق لازىم. جېدەللەشكەندە گەپنى ئورۇنلۇق قىلىپ، ئادەم تىللىماسلىق كېرەك، ئورۇنلۇق گەپنىمۇ ئاساسلىق قىلىش كېرەك. تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە، چويلىدا توختىمايدىغان، تۇتامى يوق گەپلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ، قارشى تەرەپكە ھاقارەتلىك گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  4. ۋاقىتقا، سورۇنغا، ئورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. تالاش-تارتىش قىلغاندا، جېدەللەشكەندە، بولۇپمۇ ئۈچىنچى ئەۋلاد نەۋرە-چەۋرىلەر نەق مەيداندا بار چاغدا، ئۇلاردا يامان تەسىر قالدۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاقىتقا، ئورۇنغا، سورۇنغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، جەزمەن ئوبرازىمىزغا داغ چۈشۈرۈۋېلىپ، يۈزىمىز تۆكۈلىدۇ. ئىززەت-ھۆرمىتىمىزمۇ يەر بولىدۇ.

  5. جېدەللەشكەندە بىر-بىرىنىڭ يېغىرىنى ئاچماسلىق لازىم. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن جېدەللىشىپ قالغاندا، ھەدېسىلا نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى كونا خاماننى قايتا سورۇپ، خەقنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ، ئاغزىغا كەلگەننى گېلىغا يۇتماي، كەلسە-كەلمەس سۆزلەۋېرىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىشىنى بۇزۇشتىن باشقا پايدىسى يوق.

  6. ھەر قانداق ئىشتا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش لازىم. ھەممە جېدەلنىڭ بىر ئاساسى بولىدۇ، شۇڭا ئىش ئايدىڭلاشقان ھامان بولدى قىلىش لازىم. ئاچچىقىم كەلدى دەپ نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆرۈپ-چېقىپ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق لازىم.

  7. ئارا يىراق بولسا بولسۇن، كۆڭۈل يىراق بولمىسۇن. ئەر-خوتۇنلار بىر قانچە ئون يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئادەتتە سەن-پەن دېيىشىپ قېلىش، جەڭگە-جېدەل قىلىشىش تامامەن نورمال ھادىسە، بىرەر ئېغىز گەپ، بىرەر ئىش ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس جېدەل-غۇۋغالارنى قىلىشقا، ھەتتا تۆشەكنى ئايرىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. تۆشەك (يوتقان، ئورۇن) ئايرىش كۆڭۈلدە يىراقلىشىشنىڭ باشلىنىشى بولغاچقا، جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر.

  8. جېدەلنى داۋراڭ قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئائىلە ئىشىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك، ئۇنى ھەدەپلا داۋراڭ قىلىۋەتكەندە، بىرىنچىدىن، يامان غەرەزلىك ئادەملەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىغا ئوڭايلا ئىمكانىيەت بېرىپ قويىمىز؛ ئىككىنچىدىن، چاتاق چىقىپ قالسا بۇنىڭ ئاۋارىچىلىقى يەنىلا ئۆزىمىزگە بولىدۇ.

  9. جېدەلنى بەك ئۇزۇنغا سوزۇۋېتىشكە بولمايدۇ. كۈنبويى ھەدەپ جېدەللىشىپ، جېدەلنى كۈندىلىك ئىشقا ئايلاندۇرۇۋالغاندا، ئۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ قويىدۇ. يول قويۇپ بىر ياقلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى. بىرىمىز ئازراق يول قويساقلا جاھان تىنجىيدۇ، ئارقىمىزغا بىر قەدەم چېكىنسەكلا، كەڭ ئالەم بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.

  10. جېدەللەشكەندە بىھۇدە گەپلەرنى قىلماسلىق لازىم. ئويلانمايلا دەپ سالغان بىرەر ئېغىز گەپ خەققە ئاسانلا ئازار بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. خەققە ئازار بېرىدىغان «ئاجرىشىمەن»، «خېتىمنى بەر»، «كۆزۈمدىن يوقال»، «بۇ كۈندىن جاق تويدۇم»، «سەن بىلەن بىللە بولسام مېنى مەڭگۈ نەس باسقۇدەك» دېگەندەك گەپلەرنى ھەرگىز ئاغزىمغا كەلدى، دەپلا دەپ تاشلىماسلىق لازىم، جېدەلنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە سوغۇققان بولۇپ، ھاياجاننى بېسىۋېلىش، گەپنى تاللاپ قىلىش، كاناينى بەك كېرىۋەتمەسلىك لازىم.

  ئاپتور: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كەسپىي مائارىپ مەكتىپىدىن

  «ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى               

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى