3-يانۋار، سۇداننىڭ دارفۇردىكى فاشېردا جۇڭگونىڭ تۇنجى تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان تارماق ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگۈچى تىك ئۇچار ئايروپىلان باشلىقى، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇچقۇچى چەيخۇا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەيدىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: سۇداننىڭ دارفۇردىكى كىشىلەر يېڭى يىلنى تەبرىكلەش خۇشاللىقىغا چۆمگەن پەيتتە، جۇڭگونىڭ تۇنجى تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان تارماق ئەترىتى تولۇق-تاشقان روھ بىلەن يېڭى يىللىق تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە كىرىشىپ كەتتى، ئۇلار جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىسى ۋە كامالەتكە يەتكەن ئۇچۇش ماھارىتى بىلەن خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشقا ئاتلاندى.