تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەيلى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(2)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەندى. بىز جەزمەن توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق بېكىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، ‹‹بەش بىرگەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش جەھەتتە پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى كۈچەيتىپ ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش.

  بۇ ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلەش بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز جەزمەن ئاساسىي پىرىنسىپنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمى ـــ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مېتودولوگىيەسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىلگىرىلەش›› دىيالېكتىكىلىق بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش كېرەك. مۇقىملاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىلگىرىلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىلگىرىلىتىپ، خىزمەت رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، ھەم پاسسىپ تاقابىل تۇرۇشقىمۇ، ئىلگىرىلەشنى خالىماسلىققىمۇ، ھەم ھاياجانلىنىپ قارىسىغا ئىشلەشكىمۇ، ئالدىراقسانلىق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ياخشىلاش كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلنى مايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئومۇمىيلىققا، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى ئورنىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى. بىز ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئاخىرقى مەقسەت، تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ‹‹تەرەققىي قىلغانمۇ – يوق›› دېيىشتىن ‹‹ياخشى تەرەققىي قىلغانمۇ – يوق›› دېيىشكە ئۆزگىرىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىمىز كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى ئورنىتىىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كونكرېت ھەم ئەمەلىي ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش. بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەش ئاساسىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە چىقىشىغا جەزمەن تۈرتكە بولالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى