تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى توپلاپ سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بەرپا قىلىش كېرەك

  شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى توپلاپ سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بەرپا قىلىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باۋدىڭ، 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، رەقەملەشكەن قىسىم قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلىدى.

  يېڭى يىل كىرگەندە، خېبېي زېمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىغا كەلدى. ئۇ ئاۋۋال قىسىمنىڭ قورال – ياراغلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. نەچچە ئون يۈرۈش رەقەملەشكەن قورال – ياراغلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، سۈرلۈك – ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، ئارىلاپ توختاپ سوئال سورىدى. يەر يۈزى زەربىدار سىستېمىسى قوراللىرى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ A99 تىپلىق تانكىنى قىزىقىپ كۆردى. بۇ، دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى ئەۋلاد ئاساسلىق ئۇرۇش تانكىسى بولۇپ، ‹‹قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى شاھى›› دېگەن نامى بار. ئوت كۈچى زەربە بېرىش سىستېمىسى قوراللىرى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ ‹‹قىزىل ئوقيا – 10›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلىغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىمنىڭ پەن – تېخنىكا ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ئىقتىدار ئەۋزەللىكى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ رازۋېدكا – ئاخبارات يىڭىنىڭ مەشىق مەيدانىغا كەلدى. بۇ يىڭنىڭ رازۋېدكا 2 – ليەنى رازۋېدكا قەھرىمانى ياڭ زىرۇڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەن بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن ‹‹قەھرىمان رازۋېدكا ليەنى›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن. شى جىنپىڭ مەرگەنلەرنىڭ ئاكوپ ياساش ۋە نىقابلاش مەشىقىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، رەقەملەشكەن يالغۇز ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ رازۋېدكا ئەسكەرلىرىنىڭ جۇشقۇن ھالىتىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدى.

  شى جىنپىڭ يېڭىدىن قىسىمغا كىرگەن ئەسكەرلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلدى. مەشىق مەيدانىدا، 2 – ليەننىڭ جەڭچىلىرى رازۋېدكا قىلىش ۋە ئېلىشىش ماھارىتىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ يېڭى جەڭچىلەر ئارىسىدا ئىقتىدارلىقلار ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ كۆپلۈكىنى، بەزىلىرىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ كۆپ يىل جانبازلىق مەشىق قىلىپ، چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەردە مۇكاپات ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ماختىدى. جەڭچى شۈ داچىڭ بىر يۈرۈش جانبازلىق ماھارىتىنى ئورۇنلاپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى رازۋېدكا ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ياڭ زىرۇڭچە رازۋېدكا قەھرىمانى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، شى جىنپىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۇلارنى يېنىغا چاقىردى، كۆپچىلىك شى جىنپىڭنى ئورىۋالغان بولۇپ، چىرايىدا بەخت ۋە خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. خوشلىشىدىغان چاغدا، پۈتۈن مەيداندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر شى جىنپىڭ بىلەن خوشلىشىشقا كۆزى قىيماي ‹‹پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىمىز، ئىستىلنى ياخشىلايمىز›› دەپ توۋلاپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئاڭلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ تەقلىدىي مەشىق مەركىزىگە كېلىپ، شى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە قاراشلىق قىسىمدىكى تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى قوبۇل قىلغاندا، كۆپچىلىك بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ شى تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ سۈرەت ۋە بۇيۇملارنى بىر – بىرلەپ تەپسىلىي كۆردى. بۇ شى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە سۇڭگۇ چوققىسىدا قىلغان كەسكىن جەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ جەڭ كەسكىن بولغان، كوماندىر – جەڭچىلەر قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغانىدى. ئارمىيەمىز ئەزەلدىنلا جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان روھقا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى قورال ئاز، روھ كۆپ ئىدى، ھازىر قورال كۆپ، روھىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇستىخىنىمىز تېخىمۇ چىڭ بولۇشى كېرەك، دېدى.

  ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ بۇ شىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي تەلىم – تەربىيەنى كۈچەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، پۈتۈن زېھنىمىزنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىش يۆنىلىشىگە بەكرەك كۈچەپ، رەقەملەشكەن قىسىم ئۇرۇشى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ئۇقۇمى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەر خىل كۈچ، ھەرقايسى سىستېما، تۈرلۈك مۇھىم ئامىل قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىشىمىز، ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئۇرۇش سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش سىستېمىسىغا ئورگانىك ئۆزلىشىشىمىز كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىشتات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ پەن – تېخنىكا ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن پائال ئەمەلىي ئىزدىنىشىمىز كېرەك. سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، گۇتيەندە ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش›› باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەقەملەشكەن قىسىم ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق يېڭى ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كوماندىر – جەڭچىلەرگە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز، ئاساسىي قاتلامدىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ‹‹مىكرو چىرىكلىك›› ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى