تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاشقازاننىڭ تەلىپى بويىچە غىزالىنىڭ

    ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئويلىغىنىمىزدەك ئاسان ئەمەس، بەزى يېمەكلىكلەرنى توغرا ئۇسۇلدا يېمىگەندە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىمىز.

    ئۇن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: بۇنىڭ گەرچە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى پىشۇرغاندا يۇمشاق-قاتتىقلىقىغا، پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا بەكرەك دىققەت قىلىش كېرەك. خېمىرى قاتتىقراق پىشىپ قالغان تاماقنى ئاشقازىنىنىڭ غىدىقلىنىشى ئاستا، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپ ئاجرىلىدىغانلار يېمىگىنى تۈزۈك.

    سۈت: سۈت ئاشقازان قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى، لېكىن كۆپ ئىچىلسە ئاشقازان كىسلاتاسى يىغىلىۋالىدۇ.

   سودا پىرەنىكى: ئەمەلىيەتتە سودا پىرەنىكىنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بەكمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىشقارلىق ناترىي بىكاربونات بولغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە قويۇق ئاجرىلىشىدىن كېلىپ چىققان مەيدە ئېچىشىشقا شىپا قىلىدۇ، بىراق زىيادە كۆپ يېسە قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ.

     پىچەكگۈل: كۆپلىگەن ئادەم پىچەكگۈلنى ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان ياخشى يېمەكلىك دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان تەركىب يوق. بىراق پىچەكگۈلنى گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ يېسە ھەزىمگە مەنپەئەت قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، پىچەكگۈلنى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىللە يېمەسلىكى كېرەك، بولمىسا قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.

(مېھرىبانگۈل كېرەم تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى