تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش ئارقىلىق بەختىيار تۇرمۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىمىز

  ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  ‹‹تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، خەلق تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى››، ‹‹خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك››. رەئىس شى جىنپىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەخت تىلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي، ئىللىق ھەم كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۈرەش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەلىكە كامىل مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش، ئىسلاھاتلار پۇقرالارنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسى كۆچمەس مۈلۈك تىزىملاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاۋيىن ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ‹‹ئاممىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلار›› دېدى. بىز 2018 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىشلارنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك.

  بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودون يېزىسى جەنۇبىي بىلىن خارمودون كەنتىدىكى ئېلكەش بۇغباي ‹‹بەخت تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ››، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى قىلدى، دېدى. ئېلكەش ئائىلىسى ئەسلىدە نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، يېزىدا قۇرۇق مېۋە دۇكىنى ئېچىپ، يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ئۇ ‹‹ھازىر تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بەختلىك، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن كەلگەن. تېخىمۇ تىرىشىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز›› دېدى.

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، تېكەس ناھىيەسىنىڭ چولاقتېرەك بازىرى مويىنجول كەنتىدىكى پۇلات سېيىت ئىللىق يېڭى ئائىلىسىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىدى. پولات ئائىلىسى قىش كىرىشتىن بۇرۇن تاغدىكى خەتەرلىك ئۆيدىن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن خۇشال – خۇرام جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىلدا تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، مەن مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتتىن بەھرىلەندىم، كېلەر يىلى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيمەن.

  پولاتقا ئوخشاش يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئاقكۆل كەنتىدىكى روزىنىيازخان مەمەتئىمىن كەلگۈسىگە تولۇق ئۈمىد باغلىغانىدى. روزىنىيازخان بۇلتۇر يىل بېشىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە كۆكتات تېرىقچىلىقى، پەرۋىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، يىللىق كىرىمىنى نەچچە مىڭ يۈەندىن 20 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىمەن. تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرېھىم قەيسەر ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە خەلق تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر كۈنسېرى يېڭىلانماقتا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا، يېڭى ئۇزۇن سەپەردە، ھەممىمىز ئاساسىي رولچى، ھەممىمىزگە بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن. ھازىرقى زامان ياشلىرىدىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەقىقىي، ئەستايىدىل، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  (مۇخبىرلىرىمىز گاۋ ۋا، جاۋ چۈنخۇا، جاۋ شىيا، ياڭ شۇخەن، جاڭ شياۋيەن، مېھرىگۈل ناسىر، گېزىتىمىزنىڭ خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇ لىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جۇ خۇڭشۈن، لياڭ جىڭ، ۋۇ چيۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى