تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىرادىمىزنى چىڭىتايلى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2018 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا ئاكتىپ سىگناللار تارقالدى، كونكرېت ھەرىكەتلەر پىلانلاندى، بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىلا، ھەرىكەتتە بىردەك بولغىلى بولىدۇ. يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم ئېلىشىدىكى تۈپ مىزان ھېسابلىنىدۇ. بىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەققىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەستايىل ئۆگىنىشىمىز، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىشەنچ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تۈزگەن ئىلمىي تەدبىرىدىن، بۇلتۇردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ياخشى ۋەزىيەتتىن كەلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2017 – يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدەك تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ پائال قاتناشقانلىقى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ يەنىلا ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، بۇلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق.

  2018 – يىلى ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق يىل بولۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. يۇقىرى – تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولسا، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش، ياخشى قەدەم ئېلىش، سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى