ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018–يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (3)
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى نېمىگە تايىنىپ تاماملايمىز؟ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى نېمىگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز؟ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە پەيتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرىلىگۈچىلەر، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنى چاقىرماقتا.
‹‹شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلمايلى››. رەئىس شى جىنپىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە لى داجاۋنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇش قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش ئاساسىي مېلودىيەسى، ئاساسىي رىتىمىنى بېكىتتى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىللىق گۈزەل پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدا، بۇ پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.
بىز تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى مۇشۇ مەزگىلدە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى مۇشۇ مەزگىلدە ئۇلىنىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، شانلىق بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. دەريا جىلغىغا قۇيۇلىدۇ، شامال تار ئېغىزدىن ئۆتىدۇ، بۇنداق مۇھىم پەيتتە، خام خىيال ۋە قۇرۇق ئابرۇيغا بېرىلسەك، بۇ مۇساپىنى ياخشى تاماملىغىلى، ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك››.
پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ يېڭى ئىپادىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ‹‹<تۆت خاھىش>نى تۈزىتىشنى توختاتماسلىق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش››نى تەكىتلىدى. ئەڭ ياخشى ئىستىل پۇختا، ئەمەلىي ئىش قىلىشتۇر. بىز كوممۇنىستلار شۆھرەتپەرەسلىككە قىزىقمايمىز، شەكىلۋازلىق قىلمايمىز، ئابرۇيغا بېرىلمەيمىز. مەيلى خام خىيال ياكى قۇرۇق ئابرۇي بولسۇن، ئاغزىدا شەھەر ئېلىشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، بىزدە بولۇشقا تېگىشلىكى ئەتراپىمىزدىكى كۈندىلىك ئىشلارنى جايىدا، پۇختا ئىشلەش پوزىتسىيەسىدۇر. شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماي، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق توسۇپ، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ئەمەلىي، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز، يەنىلا ئەمەلىي ئىشلەش ئاچقۇچ. شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماسلىق ئاخىرىدا ‹‹كۈرەش قىلىش›› دېگەن سۆزدە ئەمەلىيلىشىدۇ. ‹‹بەخت تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ››، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مۇشۇ پەيتتە، دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ‹‹قارا ئاق قۇ››، ‹‹كۈل رەڭ كەركىدان››نىڭ كۆلەڭگىسى تېخى يوقىمىدى، كىشىلەر كەلگۈسىدىكى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ھەم ئۈمىد كۈتمەكتە، ھەم ئەندىشە قىلماقتا. زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز زۆرۈر. ئىلگىرىلەش يولى پۈتۈنلەي تۈپتۈز بولمايدۇ، ئەمما ئادەمدىن ئېگىز تاغ، پۇتتىن ئۇزۇن يول يوق. ھەقىقىي غەيرەتكە كېلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىسەكلا، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار سەھىپىسىدە يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنى ياخشى باسالايمىز.
ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جۇڭگونىڭ شانلىق تارىخىنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى ئېلىپ چوقۇم ياخشى يۈگۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشىنىڭ كۆركەم تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالالايمىز.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى