تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

پەمىدۇرنىڭ ئاياللارغا بولغان پايدىسى

  پەمىدۇر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پېكتىن قاتارلىق يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئۈچەيدىكى ئارتۇقچە ماينى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ. پەمىدۇر تەركىبىدىكى پەمىدۇر قىزىل ماددىسى ئىسسىقلىقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى، ماينىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، كۆپ خىل ۋىتامىننى تولۇقلاپ، بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. تەركىبىدىكى ۋىتامىن B بولسا ماينىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پەمىدۇرنىڭ قەنت مىقدارى ئاز، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 گىرامدا 16 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق بار، پەمىدۇرنى كۆپ يېگەندىمۇ سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايد.

  چۈشلۈك تاماقتا پەمىدۇر يېگەنگە قارىغاندا كەچلىك تاماقتا يېسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، تاماقتىن بۇرۇن پەمىدۇر يېسە ئىشتىھا تۆۋەنلەيدۇ-دە، بۇ ئورۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

  ئاپتاپتىن ساقلاپ، ماينى كونترول قىلىدۇ

  پەمىدۇر تەركىبىدىكى لىكوپېننىڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، رادىياتسىيەگە قارشى بىيوئاكتىۋ ماددىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئەركىن رادىكال، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە تۈرلۈك سىرتقى رادىياتسىيەنىڭ تېرە ھۈجەيرىسىنى زەخىملەندۈرۈشىنى توسۇپ، قارا پىگمېنت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەمىدۇر تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ۋە ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ماينى كونترول قىلىش ئۈنۈمى ياخشى، تېرىسى مايلىق قىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

  ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ

  تەركىبىدىكى ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى، ماي ۋە ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنى، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى ۋە سېللۇلوزا ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ

  تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، پەمىدۇر تەركىبىدىكى لىكوپېننىڭ ئالاھىدە بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، قان تومۇر كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، مەزى بېزى راكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى توسىدۇ. پەمىدۇر تەركىبىدە يەنە راكقا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان گىلۇتاتىئون بولۇپ، بۇ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ، ئورگانىزىملارنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .

  قاندىكى ماينى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ

  پەمىدۇر تەركىبىدىكى ۋىتامىن C، لىكوپېن ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى ۋە تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەركىبىدىكى كالىي ۋە ئىشقارلىق مىنېرال ماددا قاندىكى ناترىي تۇزىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك كېسىلىگە نىسبەتەن قوشۇمچە داۋالاش رولى بار .

   داغنى يوقىتىپ، تېرىنى ئاسرايدۇ

  پەمىدۇر تەركىبىدىكى لىكوپېن، ۋىتامىن C، گىلۇتاتىئون قارا پىگمېنتنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزگىنلەپ، قارا پىگمېنت ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە داغنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۇسلاشتۇرۇشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، لىكوپېننىڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، تېرىنى ئاسراش رولى بار. پەمىدۇر تەركىبىدە كوللاگىن ئاقسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ۋىتامىن C بولۇپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى، بۇ بوشاپ كېتىشىنى ساقلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى