تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 2018–يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

   شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باۋدىڭ، 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى، بۇ، پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قورال – ياراغلارنى تەقلەپ، ھەربىي مەشىق قىلىدىغان پەيت. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2018 – يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بېرىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

  زىمىستان قىشتىكى شىمالىي جۇڭگونىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ، مەشىق مەيدانىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ـــ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم تۈەنىنىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانىدا 7000دىن ئارتۇق كوماندىر – جەڭچى تولۇق قوراللىنىپ، ھەيۋەتلىك سەپ تۈزگەنىدى، 300 يۈرۈشكە يېقىن قورال – جابدۇق رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا ‹‹مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2018 – يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى›› دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. ‹‹ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىقلەندۈرۈش، مەشىق بويىچە ئەمەلىي جەڭ قىلىش، مەشىق بىلەن ئەمەلىي جەڭنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››، ‹‹چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش›› دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئارمىيەدە 4000دىن ئارتۇق شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىملار دالا ئۇرۇشى بويىچە مەشىق باشلاش شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلغانىدى. چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىدىن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگىچە، غەربىي شىمالدىكى چەكسىز قۇملۇقتىن شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىغىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزىدىن 10 مىڭ چاقىرىملىق چېگراغىچە ئۈچ ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر ھەيۋەت بىلەن سەپ تۈزۈپ، يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، بۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى تۇنجى قېتىم بىر تۇتاش تەشكىللەپ مەشىق باشلاشقا سەپەرۋەر قىلىشى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر قېتىملىق يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىشى.

  سائەت 10دا، شى جىنپىڭ ھەربىي فورما كىيىپ كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا چىقتى. مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى باشلاندى، كوماندىر – جەڭچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە مارشىنى ئېيتتى، جاراڭلىق ناخشا ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، گازارمىلاردا ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى. ئۇ مۇنداق بۇيرۇق بەردى: ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىش بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي ھەربىي مەشىقنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەركىزىي خىزمەت قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. رەھبەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەپ، ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي مەشىق قىلىش، بىرلەشمە جەڭ ۋە بىرلەشمە مەشىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىش، مەشىقنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەشىق ئىستىلىنى توغرىلاپ، مەشىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەشىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىق قىلىشنى نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق، ماھارەت سىنىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە، قارشىلىشىش مەشىقلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنى ئەمەلىي جەڭگە يېقىنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار – يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ، ئىلمىي مەشىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، رەقىبىدىن باتۇرلۇق بىلەن ئېشىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  باش قومانداننىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيە بىردەك ھەرىكەتكە كەلدى. مەشىق باشلاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر چاقناپ تۇرغان ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ھەربىيلەر قەسىمى بەردى. ھەربىي بايراق لەپىلدەپ، قەسەم ساداسى ياڭراپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەنلا، ھەممە شۇ ھامان ھەرىكەتكە كەلدى. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ 2018 – يىللىق ھەربىي مەشىقى رەسمىي باشلاندى، ھەر قايسى قىسىملار پىلان بويىچە مەشىقنى باشلىۋەتتى. ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا كوماندىر – جەڭچىلەر تانكىلارغا چىقىپ، سەپكە كىرىپ، مەشىقنى تېز قانات يايدۇردى، چاقىرىق سىگناللىرى پەلەككە يەتتى، تانكا – بىرونېۋىكلار گۈرۈلدەپ، توپا – چاڭ كۆتۈرۈلۈپ، جۇشقۇن كۆرۈنۈش نامايان بولدى. شى جىنپىڭ نەق مەيداندا ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ مەشىق رايونىغا توپلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چىرايىدا رازىمەنلىك جىلۋىلەندى.

  شى جىنپىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ھەر قايسى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ دالا شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدىكى مەشىق باشلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى جۇڭگو زېمىنى قار – مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم بىرىكمە لۈسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى شىۋىرغانغا قارىماي، ھەقىقىي ئوقتا ئەمەلىي مەشىقنى قانات يايدۇردى؛ جەنۇبىي جۇڭگودىكى ھەربىي پورتلاردا دولقۇنلار مەۋج ئۇرماقتا ئىدى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى قۇرۇقلۇققا چىقىش – قاچىلاش مەشىقىنى قانات يايدۇردى؛ ئوتتۇرا خېبېينىڭ بىپايان تۈزلەڭلىكىدە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم تەجرىبە – مەشىق بازىسىدا ھاۋادا قارشىلىشىش، يەر يۈزىگە تۇيۇقسىز زەربە بېرىش مەشىقى قانات يايدۇرۇلدى؛ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىق، ئورمانلىقلاردا راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈسى سىناق تەرىقىسىدە يۆتكەش مەشىقىنى قانات يايدۇردى؛ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى، قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى تاسادىپىي ئەھۋالنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەشىقىنى قانات يايدۇردى...

  تانكىلار توختىماي كەلدى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى تېز ئۈزدى، ئايروپىلانلار جىددىي ئۇچۇپ كۆككە كۆتۈرۈلدى... پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئەمەلىي جەڭ بويىچە ھەربىي مەشىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.