تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قار تېيىلىش مەيدانى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

   

   شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 2-يانۋار، ئاق بۇلۇت خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تېرىنېرى مارات قاقاي خوشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۈچ كۈنلۈك يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا 2600 يۈەن پۇل تاپتىم، بۇ يىل بېشىدىكى ياخشى باشلىنىش بولدى.»

    بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن مارات قاقاي ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سۇلۇقساي بازىرى دوڭۋەن كەنتىدىكى چارۋىچى بولۇپ، 1997-يىلدىن باشلاپ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ ھەريىلى قىش پەسلىدە بۇ يەردە قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا قار تېيلىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر قىش پەسلىدىكى كىرىمىم 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا بىر كۈندە 1000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن، قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قىش پەسلى مېنىڭ كىرىمىمنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىل بولۇپ قالدى.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ئىككى جىيەنىمۇ مۇشۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان.

   مارات قاقايغا ئوخشاش ئاق بۇلۇت قار تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان دېھقان-چارۋىچى 170دىن ئاشىدۇ، نۇرغۇنلىغان دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىدىكىلەر قىش پەسلىدە قار تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ.

    ئاق بۇلۇت قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش دېرىكتورى چېن ليەنشېڭ مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى. ھازىر بۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان تېرىنېرلار ئىچىدە 65 ى دوڭۋەن كەنتىدىكى چارۋىچىلار بولۇپ، ئۇلار كەسپىي جەھەتتىن مەخسۇس تەربىيەلەنگەن. ئۇلار قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى بىر سائەت مەشىقلەندۈرسە 100 يۈەن تەربىيەلەش ھەققى ئالىدۇ. ھەريىلى قىشتا تېرىنېرلار قوشۇنىنىڭ تەربىيەلەش جەھەتتىكى كىرىمىلا 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

 پۈتۈن شىنجاڭدىكى 37 قار تېيىلىش مەيدانىدا مارات قاقايغا ئوخشاش ئىشلەۋاتقان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانى ھەر يىلى قىشتا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ  مۇقىم كىرىم قىلىدىغان جايى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى