تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

لوپ ناھىيەسى پەن–تېخنىكىغا تايىنىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلەتتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇرمەمەت مەخمۇت، ئانارگۈل نۇرمەمەت خەۋەر قىلىدۇ: لوپ ناھىيەسى 2017 – يىلى دۆلەتنىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرغان دېھقان – چارۋىچىلارغا مالىيەدىن ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەم – خەشەك يىغىش، ساقلاش، پىششىقلاش ۋە نەسىل ياخشىلاشتا يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

  بۇ ناھىيە ئۆلچەملىك، كۆلەملىك بېقىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلىق كەسپى تېخنىكا خادىملىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەم – خەشەك پىششىقلاش، ئىلمىي ئۇسۇلدا مال بورداش، چارۋىلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش، ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى. چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك يېزا – بازار، ئۈلگىلىك كەنت ۋە ئائىلىلەرنى بەرپا قىلىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۆلەملەشكەن چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

  ئىگىلىشىمىزچە، 2017 – يىلى بۇ ناھىيەنىڭ چارۋا مال قوتان قالدۇقى 624 مىڭ 300 تۇياققا، ئۆي قۇشلىرى قالدۇقى 699 مىڭ 400گە يېتىپ، گۆش مەھسۇلاتى 9000 توننىدىن ئاشقان، سۈت مەھسۇلاتى2600 توننىدىن، تۇخۇم مەھسۇلاتىمۇ 2300 توننىدىن ئېشىپ، 2016 – يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان. باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى 70 كە، باقمىچىلىق كىچىك رايونى ئالتىگە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 17 گە يەتكەن، چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 434 مىليون 621 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 2016 – يىلدىكىدىن %17.85 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى