تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابلېكىم ئېزىز

  30 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت، يىراق كەنتتىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن، مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قارامايغا كېلىپ خىزمەت قىلدىم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللاردەك ئۆتۈپ، ماڭا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. مەن ياشىغان ۋە ياشلىقىمنى بېغىشلاپ تەر ئاققۇزغان مۇشۇ زېمىندا ھەر مىللەت قېرىنداشلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ئۆزئارا ياردەم بەردى. ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار بىللە غىزالىنىپ، بىللە يېتىپ – قوپۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈردى، جەمئىيەت ئىناق – ئىتتىپاقلىققا تولدى.

  لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىدى، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم››نىڭ تارىخىي ئەخلەتلىرى ئارقىلىق ئاممىنى زەھەرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ جىنايى سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى، مەن ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. باش نىشانغا يېتىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى، مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، مەنبەنى ساپلاشتۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ناھەقچىلىكنى تۈگىتىشكە يېتەكلەيمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، بازىنى چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇپ، خىزمەتنى كەسىپ، تۆھپە قوشۇشنى مەجبۇرىيەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە پائال تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى