تۇمشۇق بازىرى تاملىق كەنتىدىكى چارۋىچى تۇنساخان ئەمەت شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق ئاق قويىغا يەم بەرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شارائىتقا ماس كېلىدىغان باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى قوللاندى ۋە ئومۇملاشتۇردى. بۇ ناھىيەنىڭ ئىشلەمچى، بوزدۆڭ قىرغىز مىللى يېزىسى، جام، كۆكيار، تۇمشۇق بازىرىدا شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق ئاق قويى؛ قىزىل، كومسۇمۇل بازىرى، گۈلئاۋات يېزىلىرىدا كۇچا ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قارا قويى؛ ئارال بازىرى، توخۇلا، چاغراق يېزىلىرىدا ئاۋىسترالىيەنىڭ سافۇكى گۆش قويى كۆپلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشقا ئاساس سېلىندى.