تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

چىشنى ياخشى چوتكىلىغاندا قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇشى مۇمكىن

    چىشنى ياخشى چوتكىلىغاندا چىشنى ياخشى ئاسراپلا قالماي يەنە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

   نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «راك كېسىلى تەتقىقاتى» ئايلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار 122 مىڭ ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇق ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 106 نەپەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى10 يىل ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولغان. تەتقىقاتچىلار ئېغىز بوشلۇقى ئىچكى قىسمى بىلەن چىش مىلىكى ياللۇغى باغلىنىشلىق بولغان باكتېرىيە مىقدارى يۇقىرى بولسا، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 21 ئۆرلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق، تەتقىقاتچىلار قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى قايسى خىل باكتېرىيەلەر ياكى چىش مىلىكى ياللۇغىمۇ بۇنىڭغا تېخى ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدىكەن.

  مەسئۇل تەتقىقاتچىنىڭ دېيىشىچە، قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئانچە ئېنىق بولمىغاچقا،  نۇرغۇن كىشىلەر دىياگنوز قويۇلغان چاغدا ئاللىقاچان راكنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، ھايات قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولمايدىكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا چىش مىلىكى ياللۇغى قىسمەن قىزىل ئۆڭگەچ راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ تەتقىقاتتا ئېغىز بوشلۇقى مىكرو ئورگانىزملار توپىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە رولىنى چۈشىنىشنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياكى بالدۇرراق بايقاشقا ياردىمى بارلىقى ئېيتىلغان.           

خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى