تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە 15 مىنۇت مېڭىپ بەرسە...

      چېنىقماسلىق بالدۇر ئۆلۈشكە سەۋەب بولىدىغان تۆت ئامىلنىڭ بىرى. ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 18 ياشتىن ئاشقانلارغا ھەپتىدە 150 مىنۇت ئەتراپىدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشنى تەكىتلىگەن، بىراق تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئاز مىقداردا قىلىنغان ھەرىكەتنىڭمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

      تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: «چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا ھەپتىدە 150 مىنۇت چېنىقىدىغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈش خەۋپى 28%؛ قەرەللىك يېنىك ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈش خەۋپى 22% تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ بىزگە يېنىك ھەرىكەتنىڭمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

      چېنىققاندا دەسلەپكى 15 مىنۇت سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق، شۇڭا كىشىلەر كۈندە كەم دېگەندىمۇ 15 مىنۇت مېڭىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق سېمىزلىك، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، دىيابېت، ھەتتا راك كېسىلىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مېھرىبانگۈل كېرەم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى