تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن

  ماناس ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇزات تۇسىپبېك

  مەن ماناستا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، مىللىتىم قازاق. ماناس ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئوخشاش خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق ئاچتى ۋە قۇردى. بۈگۈنكى نەتىجىلەرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن، شۇڭا ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھە دەپ تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇپ، تىلى بىلەن دىلىنى بىردەك قىلماي، كۆرۈنۈشتە ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرگەندەك قىلغان بىلەن، ئاستىرتىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قارا سۈركەپ، پارتىيە ۋە خەلققە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياسالمىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىلىرى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى. بىز ھەر ۋاقىت باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىمەن. بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قوشۇننى ساپلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ھەققانىيەت شەمشىرى ئارقىلىق ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس چوڭقۇر قېزىپ ۋە پاكىز تازىلاپ، ئۇلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ، يوشۇرۇنغۇدەك يەر قويماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىدىن قەتئىي تازىلاپ چىقىرىۋېتىمەن. ئىككىنچىدىن، ئېتىقادنى چىڭىتىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى كادىر بولۇش ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ياخشى كادىرلارنىڭ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتىكى مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتى ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئالاھىدە چىن بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئۈچ ئالاھىدە›› سىياسىي ئۆلچەم بويىچە، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. ئۈچىنچىدىن، ئاممىغا مەھكەم تايىنىپ، ئاممىغا ئىشىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، توغرا كەيپىياتنى، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا ئۈزۈل – كېسىل غەرق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى