قىش ئۆپكە ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل، بولۇپمۇ بالىلار ئۇنىڭ زىيىنىغا بەكرەك ئۇچرايدۇ، ئۆپكە ياللۇغى بىلەن زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشىغاچقا، ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە ئەھۋالدا بالىغا زۇكام تەگكەن ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ، ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن زۇكامنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئۆپكە ئۇيۇل ماددىسى ياللۇغلىنىشقا قارىتىلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى-يۆتىلىش، بەلغەم كېلىش، قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار. زۇكام «سوغۇق تېگىش» مۇ دېيىلىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىلىرى-بۇرۇن پۈتۈش، يۆتەل، بەلغەم قاتارلىقلار. ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۆتىلى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، بەلغەم كۆپرەك كېلىدۇ، قىزىش، تىترەش، ھالسىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قىشتا ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ۋە نەملىكىنى تەڭشەش، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ماسكا تاقاپ، كېسەللىكنىڭ نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ۋاكسىنا ئەملىتىپ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
تۇرسۇنئاي يۈسۈپ تەرجىمىسى